باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە بولۇت ھېسابلاش ئامبىرى قۇرۇلدى

2015.10.21 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20-چېسلا، ئۈرۈمچىدىكى تۇنجى بولۇت ھېسابلاش مەركىزى يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونغا (يېڭى شەھەر رايونى) ئورۇنلاشتى، بۇ مەركەزنىڭ قۇرۇلۇشى دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ئىلغار ئۇچۇر تېخنىكىلىرىنى جەلپ قىلىپ، ئاخىرىدا شەھىرىمىزدىكى ئۈلگە خاراكتېرلىك ئۇچۇر بازىسى بولۇپ قالغۇسى.20-چېسلا، يۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى) بىلەن ئۈرۈمچى جوڭكې تاڭنۇرى بولۇت ھېسابلاش چەكلىك شىركىتى قوزغىتىلغاندىن كېيىن، بولۇت ھېسابلاش مەركىزى تۈرى ۇقىرى يېڭى تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (يېڭى شەھەر رايونى)نىڭ شىمالىي رايونى سانائەت باغچىسىغا ئۇل سېلىندى.

  بولۇت ھېسابلاش مەركىزى قۇرۇلۇشى ئىككى باسقۇچقا بۆلۈنىدۇ، بىرىنچى باسقۇچتا 250 مىليۇن يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 8 مىڭ كۋادرات مېتىرلىق ئاپپارات ئۆيى سىلىنىدۇ، بىرىنچى باسقۇچلۇق پىلان 2016-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ.

  جوڭكې تاڭنۇرى ئۇچۇر ئىشلەپچىقىرىش چەكلىك شىركىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇئاۋىن باش لىدىرى، تاڭنۇرى بولۇت ھېسابلاش تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لېدىرى شېخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى، بۇ تۈر ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچى ئەقىل ـ پاراسەت شەھىرى، ئۈچ چوڭ ئاساسىي بازا ئامبىرى قۇرۇلۇشى قاتارلىق روللارنى ئويناپ، پۈتۈن شەھەرنى ئىدارە قىلىش ۋە مۇلازىمەت يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىش، ئېلېكتىرونلۇق مەمۇرىيەت، ئېلېكتىرونلۇق سودا، ئىجتىمائىي باشقۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىش، كۆپ تىل مەدەنىيىتى قاتارلىق كۆپ ساھەلەرنى ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  شې خۇا چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېدى«ھۆكۈمىتىمىز توردا خەلققە قولايلىق يارىتىش مۇلازىمىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جامائەت خەۋپسىزلىكى، خەلق ئىشلىرى، قاتناش قاتارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر سىستېمىسىنىڭ قۇرۇلۇشىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇلارنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تور بەت قۇرۇش ۋە زور مىقداردا ئىقتىساد غەملەپ مۇلازىمېتىرنى سېتىۋىلىش ۋە ئۇنى قوغداش لازىم. بولۇت ھېسابلاش ئامبىرى مۇلازىمىتىر سېتىۋىلىش ۋە قوغداشقا ئىشلىتىدىغان تەننەرخنى تۆۋەنلىتىپلا قالماي، يەنە تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ». (ھەبىبە ئىسمائىل تەرجىمىسى)

  تەرجىمە مۇھەررىرى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر