باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز

شى جىنپىڭ (2014 – يىل 10 – ئاينىڭ 15 – كۈنى)

2015.10.20 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بۈگۈن، بۇ يەرگە كۆزگە كۆرۈنگەن ئىقتىدارلىقلار جەم بولدى، ئاراڭلاردا ھۆرمەتكە سازاۋەر پېشقەدەم يازغۇچىلار، پېشقەدەم سەنئەتكارلار، يەنە ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە يېڭىدىن چاقنىغان چولپانلار بار، بەزى يولداشلار بىلەن بۇرۇندىنلا ياخشى تونۇشىمىز، بەزىلەر بىلەن تۇنجى قېتىم ئۇچرىشىشىمىز. كۆپچىلىك بىلەن كۆرۈشكەنلىكىمدىن تولىمۇ خۇشالمەن.

  ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم ئىشى، ئەدەبىيات – سەنئەت سېپى پارتىيە ۋە خەلقنىڭ مۇھىم سېپى. ئۇزاقتىن بۇيان، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى، ئورۇنلاش، تەتقىقات، تارقىتىشقا كۈچ چىقىرىپ، ئۆز ساھەسىدە تىرىشىپ ئىشلەپ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىپ، مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشتى. كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشىشى بىلەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ساھەسىدە بارچە گۈللەر بەس – بەستە ئېچىلىپ، مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، گۈللەپ راۋاجلانغان جانلىق مەنزىرە بارلىققا كەلدى. مەن مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ كۆپچىلىككە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمەتچىلىرىگە قىزغىن سالام يوللايمەن!

  بۈگۈنكى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشنى بۇرۇنلا ئويلاشقانىدىم، مانا ئەمدى پۇرسەت بوپتۇ، ئاساسىي مەقسەت كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى ئاڭلاپ، ھازىرقى ئەھۋاللارنى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تەھلىل قىلىپ، ئىدىيە – پىكىر ئالماشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنى گۈللەندۈرۈش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق كېڭىشىش. ھېلى بىر نەچچە يولداش ناھايىتى ياخشى سۆزلىدى، ئۇلارنىڭ تەپەككورغا باي، ئەتراپلىق سۆزلىرىدىن ئىلھام ئالدىم. تۆۋەندە، مەن بەش مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچىمەن.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر