باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز(3)

2015.10.20 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   ئىككىنچى مەسىلە: دەۋرگە يۈز كېلەلەيدىغان نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش

  ‹‹دەۋرگە ماس ئەسەرنىڭ شۆھرىتى بولۇر، غەزەل – شېئىرلار ۋەزىيەتكە بېقىپ يېزىلۇر››. بىر دەۋرنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۆلچەشتە ئەسەر ئاساس قىلىنىدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ نېگىزلىك مەسىلە ئۇلۇغ مىللەت، ئۇلۇغ دەۋرگە ماس نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشتىن ئىبارەت. نادىر ئەسەرلەر بولمىسا، باشقا ئىشلارنى قانچە جانلاندۇرۇپ، قانچە رەڭدار بېزىۋەتكەن بىلەنمۇ، ئۇ پەقەت يۈزەكى ئىش بولۇپ قالىدۇ، خەلقنىڭ روھىي دۇنياسىغا ھەقىقىي چوڭقۇر چۆككىلى، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىگە تەسىر قىلغىلى، خەلقنىڭ ئىدىيە بىردەكلىكىنى قوزغىغىلى بولمايدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر ئىجادىيەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسى، ئەسەرنىڭ تىرىكچىلىك قىلىشىنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، كۆڭۈلنى توختىتىپ، تېخىمۇ مۇكەممەل ئىجادىيەتلىرى بىلەن خەلققە ئەڭ ياخشى مەنىۋى ئوزۇقنى تەقدىم قىلىشى كېرەك.

  نادىر ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى بىر دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ مەدەنىيەت يارىتىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. كىشىلەرنى جەلپ قىلىش، يېتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۈرۈشتە ياخشى ئەسەرلەر بولۇشى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى سىرتقا يۈزلەندۈرۈشتىمۇ ياخشى ئەسەرلەر بولۇشى كېرەك. شۇڭا، نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىشنى ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىدىكى مەركىزىي ھالقا قىلىپ، زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ قىممەت قارىشىنى تارقىتىدىغان، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى روھىنى نامايان قىلىدىغان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئېستىتېك ئىنتىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان، ئىدىيەۋىلىك، بەدىئىيلىك، ھۇزۇرلىنىش ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، ‹‹قەلەمنىڭ كۈچىگە ھېچ نەرسە تەڭ كەلمەسلىك››تەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. نادىر ئەسەرلەردە بىرلا خىل شەكىل بىلەن چەكلىنىپ قېلىشقا، بىرلا خىل ھالەتنىڭ شەكىللىنىپ قېلىشىغا، بىرلا ئەندىزىگە چوقۇنۇشقا بولمايدۇ، ئۇنىڭدا نادىر، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەسەرلەرمۇ، ئاممىباب ئەسەرلەرمۇ بولۇشى، ھەم ئۆز خاسلىقىنى نامايان قىلىشى ھەم پۈتۈن ئەتراپنى قاپلىشى كېرەك. ئاكتىپ كۈچ تارقىتالايدىغان، چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان، قەلبلەرنى ئىللىتىدىغان، ئەقىل – پاراسەتنى ئۇرغۇتىدىغان، كەڭ تارقىلالايدىغان، مەڭگۈ ساقلىنىدىغان، ئامما ياقتۇرغان ئەسەرلەرلا نادىر ئەسەر بولالايدۇ.

  ئەدەبىيات – سەنئەت خەلقنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭگەن، ئۇلارنىڭ ئىش – ھەرىكەتلىرى، تۇرمۇشى، ئارزۇ – ئۈمىدى، مۇھەببەت – نەپرىتى، ھايات – ماماتى، جۈملىدىن ئىنسانلار تۇرمۇشىنىڭ بارلىق تەرەپلىرى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىگە ئىلھام بەخش ئېتىدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ياشلارنى جەلپ قىلىش كۈچى ئەڭ زور، ئۇلارغا كۆرسىتىدىغان تەسىرىمۇ ئەڭ چوڭ بولىدۇ. مەن ياش ۋاقتىمدا نۇرغۇن ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغان، شۇ چاغدا تاپقىلى بولىدىغانلىكى كىتابنىڭ ھەممىسىنى ئوقۇپ كۆرگەن، ئۇ كىتابلاردىكى نۇرغۇن ئېسىل مەزمۇنلار، تىرەن جۈملىلەر ھازىرغىچە ئېسىمدە، مەن ئۇ كىتابلاردىن تۇرمۇشتىكى نۇرغۇن ھەقىقەتلەرنى چۈشەنگەن. ئەدەبىيات – سەنئەت يەنە ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىش ۋە ئالاقىسىدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل. بۇلتۇر 3 – ئايدا مەن رۇسىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، رۇسىيەدىكى خەنزۇشۇناسلار بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، رۇسىيەلىك نۇرغۇن يازغۇچىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغانلىقىمنى، ياش چاغلىرىمدا چېرنىشېۋسكىنىڭ ‹‹قانداق قىلىش كېرەك؟›› دېگەن كىتابىنى ئوقۇپ قاتتىق تەسىرلەنگەنلىكىمنى سۆزلەپ بەرگەنىدىم. بۇ يىل 3 – ئايدا فىرانسىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، فىرانسىيە ئەدەبىيات – سەنئىتىنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا توختالدىم، چۈنكى پارتىيەمىزنىڭ نۇرغۇن پېشقەدەم رەھبەرلىرى فىرانسىيەگە بېرىپ ئوقۇغان، شۇڭا مەن ياش ۋاقتىمدا فىرانسىيە ئەدەبىيات – سەنئىتىگە بەك قىزىقاتتىم. گېرمانىيەدە زىيارەتتە بولغاندا، مەن ‹‹فائۇست››نى ئوقۇشقا دائىر ھىكايەمنى ئېيتىپ بەردىم، ئەينى چاغدا مەن شىمالىي شەنشىدە ئىشلەپچىقىرىش ئەترىتىدە ئىدىم، بىر زىيالىي ياشتا ‹‹فائۇست›› دېگەن كىتابنىڭ بارلىقىنى ئاڭلاپ، 30 چاقىرىم يول مېڭىپ بېرىپ بۇ كىتابنى ئارىيەتكە ئالغانىدىم، كېيىن ئۇ يەنە 30 چاقىرىم يولنى بېسىپ كېلىپ بۇ كىتابىنى ئېلىپ كەتكەنىدى. مەن نېمە ئۈچۈن چەت ئەللىكلەرگە بۇ ئىشلارنى دەيمەن؟ چۈنكى ئەدەبىيات – سەنئەت دۇنياۋى تىل، ئەدەبىيات – سەنئەت توغرىسىدا سۆھبەتلىشىش ئەمەلىيەتتە جەمئىيەت، كىشىلىك تۇرمۇش توغرىسىدا سۆھبەتلەشكەنلىك، ئۇنىڭدا بىر – بىرىمىزنى ئەڭ ياخشى چۈشەنگىلى، ئەڭ ياخشى پىكىرلەشكىلى بولىدۇ.

  ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، مەملىكىتمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى يېڭى باھارىنى كۈتۈۋالدى، كىشىگە ھۇزۇر بېغىشلايدىغان ئىلغار ئەسەرلەر ئىجاد قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى جەھەتتە سان بار، سۈپەت كەمچىل بولۇش، ‹‹ئېگىزلىك›› بار ‹‹چوققا›› كەمچىل بولۇش ئەھۋاللىرى، كۆچۈرمىچىلىك قىلىش، ھەممىسى ئوخشاش بولۇش، ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش، تېز تاماق شەكلىسىمان ئىستېمال مەسىلىلىرىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىگە كۆز يۇمساق بولمايدۇ. قىسمەن ئەسەرلەردە ئالىيجانابلىق مەسخىرە قىلىنغان، كىلاسسىك ئەسەرلەر بۇرمىلانغان، تارىخ ئاستىن – ئۈستۈن قىلىۋېتىلگەن، ئامما ۋە قەھرىمانلار خۇنۈكلەشتۈرۈلگەن؛ قىسمەنلىرىدە ھەق – ناھەق، ياخشى – يامان ئايرىلمىغان، خۇنۈكلۈك گۈزەللىك قىلىپ كۆرسىتىلگەن، جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرىپى ھەددىدىن زىيادە مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن؛ قىسمەنلىرىدە شەھۋانىيلىق، چاكىنىلىق، تېتىقسىزلىق ئاساس قىلىنغان بولۇپ، ئەسەرلەر مەنپەئەت بېرىدىغان ‹‹تىللا دەرىخى››، كۆرۈش سەزگۈسىنى غىدىقلايدىغان ‹‹گىلدىڭلاتقۇ›› قىلىنغان؛ قىسمەنلىرى قالايمىقان توقۇلۇپ، تومتاق تۈزۈلۈپ، زورلاپ تېڭىلىپ، بەزىبىر مەدەنىيەت ‹‹ئەخلەت››لىرىنى بارلىققا كەلتۈرگەن؛ قىسمەنلىرىدە ھەشەمەتچىلىك قوغلىشىلىپ، ھەددىدىن زىيادە پەردازلىنىپ، پۇل – مال كۆز – كۆز قىلىنىپ، شەكىل مەزمۇننى بېسىپ كەتكەن؛ يەنە قىسمەنلىرىدە ‹‹سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت بىلەن شۇغۇللىنىش›› قا زىيادە قىزىقىلىپ، شەخسىي قايغۇ ۋە خۇشاللىقلا ئىپادىلىنىپ، جانغا ئەسقاتمايدىغان ۋەقەلەر يېزىلغان بولۇپ، ئومۇمدىن ئايرىلىپ قالغان ۋە ھەقىقەتتىن چەتنەپ كەتكەن. بۇلار بىزگە ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ بازار ئىگىلىكىنىڭ زور قاينىمىدا يۆنىلىشىنى يوقىتىپ قويماسلىقىنى، كىم ئۈچۈن دېگەن مەسىلىدىن چەتنەپ كەتمەسلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، ئۇنداق بولمىغاندا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ھاياتىي كۈچىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.

  مەن بىر قانچە سەنئەتكار بىلەن پاراڭلاشقاندا، ئۇلاردىن نۆۋەتتە ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى ئەڭ گەۋدىلىك مەسىلىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سورىغىنىمدا، ئۇلار خۇددى دېيىشىۋالغاندەكلا يەڭگىللىك، دەپ جاۋاب بەردى. بەزىلەر بىر ئەسەرگە قايتا – قايتا كۈچ سەرپ قىلىپ، ئۇنى ۋاقتىدا ئەمەلىي قىممەتكە ياكى ۋاقتىدا خەلق پۇلىغا ئايلاندۇرالماسلىقنى ئەرزىمەس، پايدىسىز ئىش دەپ قارايدىكەن. بۇنداق پوزىتسىيە ئىجادىيەتنى خاتا يولغا باشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە چاكىنا ئەسەرلەرگە يول ئېچىپ بېرىپ، ناچار پۇل ياخشى پۇلنى سىقىپ چىقىرىش ئەھۋالىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت تەرەققىيات تارىخى شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكىلا بېرىلىپ كېتىپ، كۆلنى قۇرۇتۇپ بېلىق تۇتقاندەك تومتاقلىق بىلەن ئەسەر يارىتىش ئەدەبىيات – سەنئەتكە قىلىنغان زىيانكەشلىك بولۇپلا قالماستىن، يەنە ئىجتىمائىي مەنىۋى تۇرمۇشقىمۇ قىلىنغان زىيانكەشلىكتۇر. چاكىنىلىق ئاممىبابلىق ئەمەس، ھەۋەس ئۈمىدكە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، كۆرۈپ كۆڭۈل ئاچقانلىق مەنىۋى جەھەتتە شادلانغانلىق بولمايدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى خەلق ئېتىراپ قىلغان بولۇشى كېرەك، كۆرۈنۈشكە چىرايلىق، ئەمما ئەمەلىيەتتە ھېچقانداق قىممىتى يوق ئىشلارنى قىلىشقا، پۇرسەتپەرەسلىك قىلىشقا، نام – شۆھرەتكە بېرىلىشكە، ئۆزىنى ئۆزى كۆپتۈرۈشكە بولمايدۇ.

  نادىر ئەسەرلەرنىڭ نادىرلىقى ئۇنىڭ مۇپەسسەل ئىدىيە ۋە بەدىئىيلىككە ئىگە بولغانلىقى، سەر خىل ئىجاد قىلىنغانلىقىدا. قەدىمدىن ھازىرغىچە نادىر ئەسەرلەر تولۇق تەييارلىق قىلىپ يارىتىشنىڭ جەۋھىرى، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ سېھرىي كۈچى ئىچكى مۇكەممەللىكنىڭ نامايەندىسى بولۇپ كەلدى. ئەۋلادتتىن ئەۋلادقا قالغان، ئۇزاق يىللاردىن بۇيان داڭ چىقىرىپ كەلگەن ئەسەرلەر قەتئىي ئىرادە بىلەن يېزىلغان، يۈرەك قېنى سىڭدۈرۈلگەن ئەسەرلەردۇر. فىلاۋبېرت: ‹‹بوۋارى خانىم›› نى يازغاندا، ئۇنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر بەتنى يېزىشقا بەش كۈن سەرپ قىلغانىدىم، مېھمانخانا بۆلىكىنى ئۈچ ئاي يېزىشىم مۇمكىن، دېگەنىدى. ساۋ شۆچىن ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››نى ئون يىلدا يېزىپ پۈتتۈرگەن، بۇ جەرياندا بەش قېتىم ھەممىنى ئۆچۈرۈپ قايتا يازغان... مانا مۇشۇنداق ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئىزدىنىدىغان، تېخىمۇ مۇكەممەل بولۇشقا ئىنتىلىدىغان روھ بولغاندىلا، ياخشى ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ياراتقىلى بولىدۇ.

  ‹‹يۇقىرى نىشاننى كۆزلىگەندە، بەلكىم ئوتتۇراھال سەۋىيەگە يېتىش مۇمكىن؛ ئەمما ئوتتۇراھال نىشاننى كۆزلىگەندە، پەقەت تۆۋەن سەۋىيەگىلا يېتىش مۇمكىن››. كۆكسى – قارنى كەڭ بولغاندا كۈچلۈك بولغىلى، ھەۋەستىن خالىي بولغاندا چىداملىق بولغىلى، نام – مەنپەئەتكە بېرىلمىگەندە ئاقىلانە بولغىلى، ھەر خىل ئوي – خىياللاردىن خالىي بولۇپ، كۆڭۈلنى تىنچ تۇتقاندىلا يىراق نىشانغا يەتكىلى بولىدۇ. ئولۇغ يازغۇچىلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ھەممىسى پەيدىنپەي ئىلگىرىلەيدىغان، تەدرىجىي ئويغىنىدىغان، ئاستا – ئاستا يېتىشىدىغان باسقۇچنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىمەن دەيدىكەن، ‹‹ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ ھەممىنى كۆرۈش›› ئىرادىسى بولۇشى، ‹‹ئاخشامقى غەرب شامىلى بارچە يوپۇرماقلارنى تۆكۈۋەتكەن›› مۇدھىشلىققا ۋە ‹‹ئېگىز راۋاقتا يېگانە تۇرغان›› غېرىبلىققا بەرداشلىق بېرەلىشى؛ ‹‹ھىجران ئازابىدىن ئورۇقلاپ، كىيىملىرى چوڭ كېلىپ›› قالسىمۇ، ‹‹ئاداققىچە پۇشايمان قىلماسلىق››، ‹‹ئازابتىن زەپىرەڭدەك سارغايسىمۇ، چىن قەلبىدىن رازى بولۇش››؛ ئاخىرىدا ‹‹سانسىز كىشىلەر ئارىسىدىن ئىزدىگەن ئاشىقىنىڭ ئەمەلىيەتتە يېنىدىلا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىش›› ئېڭىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.

  ‹‹شېئىر ئىجادىيىتى دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلىشى، ئۇسلۇبى كۈندىن – كۈنگە يېڭىلىنىشى كېرەك››. يېڭىلىق يارىتىش ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ جېنى. ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىدە يولۇققان مەسىلىلەر يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىز بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ليۇ شيې يازغان ‹‹ئەدەبىيات نەزەرىيە سىستېمىسى›› نىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا يازغۇچىلار ۋە شائىرلار دەۋرگە ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشى، ئۆزلىرىنىڭ سەنئەت جەھەتتىكى خاراكتېرى ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشى كېرەك، دەپ يېزىلغان. تاڭ سۇلالىسىدىكى خەتتات لى يۇڭ ‹‹مېنى تەقلىد قىلغانلار چاكىنا ھېسابلىنىدۇ، مېنى دورىغانلار ئۆلۈمگە لايىق››، دېگەنىدى، سۇڭ سۇلالىسىدىكى شائىر خۇاڭ تىڭجيەن باشقىلارنى دوراپ ئىش قىلىش ئەۋلادلارنى نابۇت قىلىدۇ، ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىش ھەقىقىي ئىش قىلغانلىقتۇر، دېگەنىدى. ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى ئىدىيە بىلەن ۋاسىتىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى، مەزمۇن بىلەن شەكىلنىڭ يۇغۇرۇلۇپ چوڭقۇر يېڭىلىق يارىتىلىشى، ھەرخىل سەنئەت ئامىللىرى ۋە تېخنىكا ئامىللىرىنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشى، قەلب بىلەن يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ جىپسىلاشتۇرۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ. يېڭىلىق يارىتىش روھىنى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ جەريانىغا سىڭدۈرۈش ئۈچۈن، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ دەسلەپكى ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلىم – پەندە، سەنئەتتە دېموكراتىك بولۇش ئىستىلىنى جارى قىلدۇرۇپ، پائال ھەم ساغلام، كەڭ – كۇشادە ھەم ئىناق مۇھىت يارىتىپ، ئوخشاش بولىمىغان قاراش ۋە ئېقىمدىكىلەرنىڭ تولۇق پىكىر ئالماشتۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلىش، ژانىر، ئۇسلۇب، ۋەزىيەت ۋە ۋاسىتىلەرنى تولۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ ئىدىيە، مەزمۇن، ئۇسلۇب ۋە ئېقىم جەھەتتە ئۆزئارا پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر – بىرىدىن ئۈلگە ئېلىش كېرەك. مەملىكىتىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ناخشا – ئۇسسۇلغا ماھىر بولۇپ، ئۇزاقتىن بۇيان رەڭگارەڭ، مول مەزمۇنلۇق ئەدەبىيات – سەنئەت نەتىجىلىرىنى ياراتتى، بۇ مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىدىكى قىممەتلىك بايلىق، شۇڭا، ئۇنى قوغدىشىمىز، تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز، ئۇلارنىڭ مەملىكىتىمىزدىكى ئەدەبىيات – سەنئەت بېغىدا پورەكلەپ ئېچىلىپ، تېخىمۇ رەڭدار تۈس ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشمىز كېرەك.

  ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، ئەدەبىيات – سەنئەتتە يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئەخلاق ۋە كەسىپتە تەڭ يېتىشكەن زور بىر تۈركۈم داڭلىق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرگە موھتاجمىز. ئەدەبىيات – سەنئەت قوشۇن قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ روشەن، مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەسىر كۈچىگە ئىگە بىر تۈركۈم ھەر ساھە ئەدەبىيات – سەنئەت باشلامچىلىرىنى تىرىشىپ يېتىلدۈرۈپ، ئۇلۇغ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت كىشىلەرگە قىممەت جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، روھىي جەھەتتە باشلامچىلىق قىلىدۇ، ئېستېتىك جەھەتتە مەدەت بېرىدۇ، سەنئەتچىلەرنىڭ ئىدىيەۋى سەۋىيەسى، كەسىپ سەۋىيەسى، ئەخلاق سەۋىيەسى نېگىزدۇر. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر سەنئەت ئارزۇسىدا قەتئىي ئاڭلىق چىڭ تۇرۇپ، بىلىم سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، ئەخلاق جەھەتتە تەربىيەلىنىشنى، ئىدىيە جۇغلانمىسى، بىلىم زاپىسى، مەدەنىيەت تەربىيەسى، سەنئەت مەشىقىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ‹‹جاھان كەڭرى بولسىمۇ ھەممىسىنى ئوبرازلىق ئىپادىلەش، كۆپ خىل مەۋجۇدىيەتنىڭ ھەممىسىنى قەلەم بىلەن تەسۋىرلەش›› نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ياخشى كەسپىي تەربىيەگە ئىگە بولغاندىن سىرت، ئالىيجاناب ئادىمىيلىك خىسلىتىگە ئىگە بولۇپ، مۇھىم مەسئۇلىيەتلەرنى زىممىسىگە ئېلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش شارائىتىدا، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەت مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، ئەسەرلەرنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنۈمىنى ئەستايىدىل ئويلىنىپ، ياخشى ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، سەنئەت ئەخلاقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، تارىخ ئۈچۈن ساغلام كەيپىيات يارىتىش، كىشىلەرگە گۈزەل ئەخلاقلارنى كەڭ تەشۋىق قىلىش ۋە ئۆزىگە پاك نام – ئاتاق قالدۇرۇش ئۈچۈن، ئالىيجاناب كەسپىي ئەخلاق، ياخشى ئىجتىمائىي ئوبراز، تىلى گۈزەل مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرى ئارقىلىق، كىشىلەرنىڭ ياقتۇرۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.

  ئالاقە تورى تېخنىكىسى ۋە يېڭىچە تاراتقۇلار ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، زور بىر تۈركۈم يېڭىچە ئەدەبىيات – سەنئەت شەكلىنى ياراتتى ھەم ئەدەبىيات – سەنئەت قارىشى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت ئەمەلىيىتىدە چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. يېزىقنىڭ رەقەملىشىشى، كىتابلارنىڭ تەسۋىرلىشىشى، كىتاب ئوقۇشنىڭ تورلىشىشى قاتارلىق تەرەققىياتلار نەتىجىسىدە، ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت زور ئىسلاھاتقا دۇچ كەلدى. ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، تور ئەدەبىيات – سەنئىتى ئىجادىيىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ئىجابىي تەرەپكە يېتەكلەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان پۇقراۋى مەدەنىيەت ئىشخانىلىرى، پۇقراۋى مەدەنىيەت ئىقتىسادىي ئاپپاراتلىرى، تور ئەدەبىيات – سەنئىتى ئىجتىمائىي توپلىرى قاتارلىق يېڭى ئەدەبىيات – سەنئەت تەشكىلاتلىرى كۆپلەپ بارلىققا كەلدى، تور يازغۇچىسى، كېلىشىملىك يازغۇچىلار، ئىختىيارىي ماقالە يازغۇچىلار، ئۆز ئالدىغا فىلىم ئىشلىگۈچىلەر، مۇستەقىل ناخشىچى ۋە ئارتىسلار، ئىختىيارىي گۈزەل سەنئەتچىلەر قاتارلىق يېڭى ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر ئىنتايىن جانلىنىپ كەتتى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى داڭدار كىشىلەر بارلىققا كېلىشى مۇمكىن. قەدىمدىن بۈگۈنگىچە، ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى نۇرغۇن داڭدار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى جەمئىيەت ۋە ئامما ئارىسىدىن بارلىققا كەلگەن. بىز خىزمەتلەرنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى، ئالاقە ۋاسىتىسىنى كېڭەيتىشىمىز؛ ئۇلارغا يېڭىچە نەزەر بىلەن قارىشىمىز؛ يېڭى سىياسەت ۋە ئۇسۇل ئارقىلىق، ئۇلارنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇشىمىز؛ ئۇلارغا باشلامچىلىق قىلىشىمىز؛ ئۇلارنىڭ گۈللەنگەن سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ جانلىق كۈچىگە ئايلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلىشىمىز كېرەك.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر