باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئابې شىنزو موڭغۇلىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتتە بولىدۇ

2015.10.23 13:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ يەر ۋاقتى 22-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزو ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى ياپونىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداش ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، توكيودىكى خانىدا ئايرودۇرۇمىدىن ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ يولغا چىقىپ، موڭغۇلىيە ۋە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى 5 دۆلەتتە بىر ھەپتە زىيارەتتە بولىدىكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، باش ۋەزىر ئابې شىنزو ئالدى بىلەن موڭغۇلىيەدە زىيارەتتە بولۇپ، موڭغۇلىيە زۇڭتۇڭى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن. ئاندىن تۈركمەنىستانغا زىيارەتكە بارىدىكەن.

  28-ئۆكتەبىرگىچە تاجىكىستان، ئۆزبېكىستان، قىرغىزىستان، قازاقىستاندا زىيارەتتە بولىدىكەن. ياپونىيەنىڭ 50 كارخانا باشلىقى ئابې شىنزو بىلەن بىللە زىيارەتكە بارىدىكەن. ئۇلار ئاساسلىقى بايلىق ئېچىشقا مەبلەغ سېلىش ۋە ياپونىيەنىڭ ئۇل ئەسلىھەلەر قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىغا قاتنىشىشى ئۈستىدە ئىزدىنىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر