باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز(4)

2015.10.20 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   ئۈچىنچى مەسىلە: خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك

  سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت ماھىيەت جەھەتتىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتى. يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەن ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا: ئادەم مەسىلىسى نېمە ئۈچۈن ماھىيەتلىك، پىرىنسىپلىق مەسىلە ھېسابلىنىدۇ؟ دېگەنىدى. يولداش دېڭ شياۋپىڭ: بىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىمىز خەلققە مەنسۇپ. خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ ئانىسى، دېگەنىدى. يولداش جياڭ زېمىن ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر قوشۇنىنى زورايتىشنى تەلەپ قىلىپ، خەلقنىڭ تارىخىي ئىجادىيىتى جەريانىدا سەنئەتنى يارىتىش، خەلقنىڭ ئىلگىرىلىشى جەريانىدا سەنئەتنىڭ ئىلگىرىلىشىنى بارلىققا كەلتۈرۈش كېرەك، دېگەنىدى. يولداش خۇ جىتناۋ تەكىتلەپ: خەلقنى قەلبىمىزدىكى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويغىنىمىزدا، مەڭگۈ خەلق بىلەن بىللە تۇرغىنىمىزدا، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشنى يېتەكچى قىلغىنىمىزدا، سەنئەت ‹‹دەرىخى›› دائىم كۆكىرىپ تۇرىدۇ، دېگەنىدى.

  خەلق تارىخنىڭ ياراتقۇچىلىرى، شۇنداقلا تارىخنىڭ شاھىدى، تارىختىكى ‹‹پېرسوناژلار›› شۇنداقلا تارىخنىڭ ‹‹دراماتۇرگ›› لىرى. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر خەلقنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈش ۋە خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش، سوتسىيالىزم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ يۆنىلىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك. بۇ پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرگە قويغان ئاساسىي تەلىپى، شۇنداقلا مەملىكىتىمىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت كەسپىنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم ھالقا. ماركىسىزملىق ئەدەبىيات – سەنئەت قارىشىنى تىكلىگىنىمىزدە، خەلقنى قەلبىمىزدە ساقلاشنى ھەقىقىي تۈردە ئىشقا ئاشۇرغىنىمىزدا ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئاكتىپ كۈچىنى جارى قىلدۇرالايمىز. خەلقنى مەركەز قىلىش دېگەنلىك خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان تەلىپىنى قامداشنى ئەدەبىيات – سەنئەت ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى ۋە ئاخىرلىشىش نۇقتىسى قىلىش، خەلقنى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىپادىلىنىشىنىڭ سۇبيېكتى قىلىش، خەلقنى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ سەنئەتكارى ۋە باھالىغۇچىسى قىلىش، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىنىڭ بۇرچى قىلىش دېگەنلىكتۇر.

  بىرىنچى، خەلق ئەدەبىيات – سەنئەتكە موھتاج. خەلقنىڭ تەلىپى كۆپ تەرەپلىمىلىك بولىدۇ. خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان ماددىي تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئىقتىسادىي جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى چوقۇم چىڭ تۇتۇشىمىز، جەمئىيەتنىڭ ماددىي بايلىقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت جەھەتتە كۈنسېرى ئېشىۋاتقان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇشىمىز، جەمئىيەتنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت بايلىقىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. ماددىي تەلەپ بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ، قورساق تويغۇزۇش ھەممىدىن مۇھىم، شۇڭا، ‹‹پۇقرالار ئاشلىقنى تىرىكچىلىكنىڭ ئاساسى قىلىدۇ››، دەيدىغان سۆز بار. لېكىن، بۇ خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتكە ئازراقمۇ ئېھتىياجى يوق دېگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئىنسانلار جەمئىيتىنىڭ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان ئەڭ زور پەرقى دەل ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجغا ئىگە بولغانلىقىدا، خەلق مەنىۋى مەدەنىيەتكە ھەر ۋاقىت ئېھتىياجلىق.

  خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپىتى، ئۇسلۇبى قاتارلىقلارغا قويىدىغان تەلىپىمۇ ئاشتى. ئەدەبىيات، دىرامما، كىنو، تېلېۋىزىيە، مۇزىكا، ئۇسسۇل، گۈزەل – سەنئەت، فوتو سۈرەت، خەتتاتلىق، ئەلنەغمە، سېرىك ۋە خەلق ئەدەبىيات – سەنئىتى، ئاممىۋى ئەدەبىيات – سەنئەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ھەممىسى دەۋر تەرەققىياتىغا ماسلىشىپ، خەلقنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، تولۇپ – تاشقان قايناق ھېسسىيات، كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان يېزىقچىلىق ماھارىتى، لەرزان مېلودىيە، كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئوبراز يارىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق خەلق ياقتۇرىدىغان ئەسەرلەرنى يارىتىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيىتىشى كېرەك.

  خەلقئارا جەمئىيەتمۇ جۇڭگوغا بارغانسېرى دىققەت قىلىۋاتىدۇ، ئۇلار جۇڭگونى چۈشىنىشنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ دۇنيا قارىشىنى، كىشىلىك ھايات قارىشىنى، قىممەت قارىشىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەبىئەتكە، دۇنياغا، تارىخقا، كەلگۈسىگە بولغان قارىشىنى، جۇڭگو خەلقىنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىنى، جۇڭگونىڭ تارىخى، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئۆرپ – ئادىتى، مىللىي ئالاھىدىلىكى قاتارلىقلارنى بىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بۇلارنى خەۋەر ئارقىلىق، ھۆكۈمەت تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ئۇلارغا بىلدۈرۈپ بولغىلى بولمايدۇ، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ ئۆزى ھېس قىلىش پۇرسىتى تېخىمۇ چەكلىك. ئەدەبىيات – سەنئەت ئەڭ ياخشى پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۇسۇلى، ئۇ بۇ جەھەتتە تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ، بىر رومان، بىر نەسىر، بىر شېئىر، بىر پارچە رەسىم، بىر پارچە سۈرەت، بىر كىنو، بىر تېلېۋىزىيە تىياتىرى، بىر مۇزىكا چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگونى باشقا نۇقتىدىن چۈشىنىشىگە پۇرسەت يارىتىپ بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ سېھرىي كۈچى ئارقىلىق ئۇلارنى جەلپ قىلالايدۇ، تەسىرلەندۈرەلەيدۇ. جىڭجۈي تىياتىرى، خەلق كۈيلىرى، خەتتاتلىق، جۇڭگوچە رەسىم قاتارلىقلار مەملىكىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت گۆھىرى، بۇلارنىڭ ھەممىسى چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگونى چۈشىنىشىدىكى مۇھىم ۋاسىتىلەر. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر جۇڭگونىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى، جۇڭگونىڭ ئاۋازىنى توغرا يەتكۈزۈشى، جۇڭگو روھىنى بايان قىلىشى، جۇڭگونىڭ قىياپىتىنى نامايان قىلىشى، چەت ئەللىكلەرنىڭ جۇڭگودىكى يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئەسەرلىرىدىن ھۇزۇرلىنىش ئارقىلىق، جۇڭگوغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئاشۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك. دۇنياغا مەملىكىتىمىزنىڭ ئىلغار ئەدەبىيات – سەنئىتىنى تەشۋىق قىلىپ، چەت ئەللىكلەرگە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇشى ۋە چۈشىنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئىككىنچى، ئەدەبىيات – سەنئەت خەلققە موھتاج. خەلق ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ مەنبەسى، ئەدەبىيات – سەنئەت خەلقتىن ئايرىلسا يىلتىزسىز ئوتقا، روھسىز تەنگە ئوخشاپ قالىدۇ. لېنىن مۇنداق دېگەنىدى: سەنئەت خەلققە مەنسۇپ. ئۇ ئەمگەكچى خەلقنىڭ تۆۋەن قاتلىمىدا ئەڭ چوڭقۇر يىلتىز تارتىشى كېرەك. ئۇ مۇشۇ ئاممىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ۋە چۈشىنىشىگە ئېرىشىشى كېرەك. ئۇ مۇشۇ ئاممىنىڭ ھېسسىياتى، ئىدىيەسى ۋە ئىرادىسىنى بىرلەشتۈرۈشى ۋە چىڭىتىشى كېرەك. ئۇ ئامما ئارىسىدىكى سەنئەتكارلارنى ئويغىتىشى ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. تۇرمۇشتا ئەدەبىيات – سەنئەت مەنبەسى ئەسلىدىنلا مەۋجۇت، تۇرمۇش بارلىق ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ پۈتمەس – تۈگىمەس ئىجادىيەت مەنبەسى.

  خەلقنىڭ ئېھتىياجى ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ تۈپكى قىممەت ئاساسى. نادىر ئەسەر ئىجاد قىلىش – قىلالماسلىقنى ئاساسلىقى خەلقنى قانداق مەدھىيەلەش بەلگىلەيدۇ. ئۆز زامانىسىدا داغدۇغا قوزغان، ئەۋلادتىن ئەۋلادقا قالغان ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىدە دەۋر ئېھتىياجى ۋە خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ئېلىمىزدىكى مەڭگۈ ئۆچمەس ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ھەممىسىدە خەلقنىڭ تەقدىرىگە ئېچىنىش، خەلقنىڭ قايغۇسى ۋە خۇشاللىقىغا بولغان غەمخورلۇق، خەلققە بولغان چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببەت نەپىس بەدىئىي ئۇسۇلدا ئىپادىلەنگەن. ‹‹قەدىمكى زامان شېئىرى ۋە قوشاقلىرى››دىكى قەدىمكى ئوۋچىلىق پائالىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹يا قوشىقى››، ‹‹نەزمىنامە››دىكى دېھقانلارنىڭ جاپالىق ئەمگىكى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹ئىيۇل››، ئەسكەرلەرنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹ياۋا كۆك پۇرچاق يىغىش››، ياشلارنىڭ مۇھەببىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹گۈەنجۈ››، كائىناتنىڭ سىرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىلگەن ‹‹تەڭرىگە سوئال››، كۆچمەن چارۋىچىلارنىڭ تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ‹‹چىلې قوشىقى››، ئاياللارنىڭ قەھرىمان ئوبرازى مەدھىيەلەنگەن ‹‹مۇلەن قوشىقى›› قاتارلىق ئەسەرلەر خەلقنىڭ تۇرمۇشى ئاساس قىلىنىپ ئىجاد قىلىنغان. چۈ يۈەننىڭ ‹‹خەلقنىڭ جاپا – مۇشەققەتلىك تۇرمۇشىغا ئېچىنىمەن››، دۇ فۇنىڭ ‹‹نامرات تالىپلارنى قانداق قىلىپ كەڭرى ئۆيلەرگە ئېرىشتۈرۈش، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى خۇش قىلىش››، ‹‹باي – غوجاملار ئۆيلىرىدە نازۇنېمەت سېسىپ ياتقان، زېمىستاندا بىچارىلەر كوچىلاردا ئۆلۈپ ياتقان››، لى شېننىڭ ‹‹ھەر بىر تال بۇغداي جاپالىق تەر بەدىلىگە كەلگەن››، جېڭ بەنچياۋنىڭ ‹‹ئەرزىمەس ھاكىم بولساقمۇ، پۇقرالارغا كۆڭۈل بۆلىمىز›› قاتارلىقلارمۇ خەلقنىڭ يۈرەك ساداسى كۈچلۈك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن ئەسەر ۋە ئېسىل جۈملىلەردۇر. دۇنيادىكى ئەڭ دەسلەپكى ئەدەبىي ئەسەر ‹‹گىلگامېش مىللىتى›› داستانىدا ئىككى دەريا ۋادىسىدىكى قەدىمدە ئۆتكەن خەلقنىڭ تەبىئەت قانۇنىيىتى ۋە ھايات – ماماتنىڭ سىرلىرى توغرىسىدا ئىزدەنگەن روھىي ھالىتى ۋە ھېسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. ‹‹گومېر داستانى››دا خەلقنىڭ باتۇرلۇق، ھەققانىيلىق، شەخسىيەتسىزلىك، ئەمگەكچان قاتارلىق پەزىلەتلىرى تەرىپلەنگەن. ‹‹ئىلاھ كۈيى››، ‹‹ئون كۈنلۈك سۆھبەت››، ‹‹گىگانتنىڭ تەرجىمىھالى››قاتارلىق ئەسەرلەردە ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئەسىردىكى تەركىدۇنيالىق، جاھالەتچىلىككە قارشى تۇرۇپ، خەلقنىڭ روھىي ئەركىنلىككە بولغان ئۈمىدى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. شۇڭا، ئەدەبىيات – سەنئەت رېئال تۇرمۇشنى ئاساس قىلىپ، دەۋر ئېقىمىغا يېقىندىن ئەگەشكەندىلا، ئاندىن تەرەققىي قىلىپ گۈللىنەلەيدۇ؛ خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ماسلىشىپ، خەلق كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەرگەندىلا، ئاندىن ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ.

  خەلق دېگەن سۆز ئابستراكت بەلگە بولماستىن، بەلكى كونكرېت شەخسكە، جۈملىدىن تېنى بار، ھېسسىياتچان، مۇھەببەت ۋە نەپرەتكە ئىگە، ئارزۇنى كۆڭلىگە پۈككەن، زىددىيەت ۋە توقۇنۇشلاردىنمۇ خالىي بولالمايدىغان شەخسكە قارىتا ئېيتىلغان. ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى خەلقنىڭ تەسىراتىغا ۋەكىللىك قىلدۇرماي، خەلقتىن كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىپ، تۇرمۇشتىن ئۆگىنىپ، خەلقنىڭ ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى ۋە مول مەزمۇنلۇق تۇرمۇشىدىن ئوزۇق ئېلىپ، تۇرمۇش ۋە سەنئەت جەھەتتە ئۈزلۈكسىز تەجرىبە توپلاپ، گۈزەللىكنى ئۈزلۈكسىز بايقاش ۋە يارىتىش كېرەك. خەلقنىڭ ھال – ئەھۋالى ۋە بەختىنى باشتىن – ئاخىر كۆڭلىگە پۈكۈپ، خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىنى ئەسەرگە سىڭدۈرۈپ، كۈرەشكە تولغان ھاياتنى مەدھىيەلەپ، ئەڭ گۈزەل ئوبرازنى يارىتىپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشى ۋە ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.

  سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە بىر ئىش يادىمغا يەتتى. مەن 1982 – يىلى خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەسىگە خىزمەتكە بېرىشنىڭ ھارپىسىدا، بەزى تونۇشلىرىم مېنى ئۇزاتقىلى كەلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ‹‹1 – ئاۋغۇست›› كىنو ئىستۇدىيەسىدىكى يازغۇچى، سېنارىست ۋاڭ يۈەنجيەن بار ئىدى. ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: سىز يېزىغا بارغاندا ليۇ چىڭغا ئوخشاش دېھقانلارنىڭ ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۇلار بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولۇپ كېتىڭ. ليۇ چىڭ دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر چۆكۈش ئۈچۈن، 1952 – يىلى شەنشى ئۆلكىسى چاڭئەن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولغان، كېيىن ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، دائىمىي كومىتېتنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىنى ساقلاپ قالغان ھەم خۇاڭفۇ كەنتىدە 14يىل تۇرۇپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ‹‹ئىگىلىك تىكلەش تارىخى››نى ئىجاد قىلغان. ئۇ ئوتتۇرا شەنشى رايونىدىكى دېھقانلارنىڭ تۇرمۇشىنى چوڭقۇر چۈشەنگەچكە، پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىنى ناھايىتى جانلىق ياراتقان. ليۇ چىڭ يۇرتداشلارنىڭ خۇشاللىقى ۋە قايغۇسىنى چوڭقۇر چۈشىنەتتى، مەركەز يېزا ۋە دېھقانلارغا چېتىلىدىغان بىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنى يولغا قويغاندا، ئۇ كۆڭلىدە دېھقانلارنىڭ بۇنىڭدىن خۇش بولىدىغان – بولمايدىغانلىقىنى دەرھال ئويلاپ يېتەلەيتتى.

  ئۈچىنچى، ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرى خەلقنى قىزغىن سۆيۈشى كېرەك. ھېسسىيات بولۇش – بولماسلىقى، كىمگە مېھىر – مۇھەببەت بېغىشلاش ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ. خەلقنى سۆيمىگەندە، خەلق ئۈچۈن ئىجاد قىلىشتىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. لۇ شۈن خەلققە چوڭقۇر مۇھەببەت باغلىغان، ‹‹غەزەپ بىلەن ھومىيىمەن قەبىھ زالىملارغا، كالا بولۇپ باش ئېگىمەن سەبىي بالىلارغا›› دېگەن بۇ بىر مىسراغا ئۇنىڭ خەلققە بولغان مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن. مەن خېبېي ئۆلكىسى جېڭدىڭ ناھىيەسىدە خىزمەت قىلىۋاتقاندا تونۇشقان يازغۇچى جيا داشەن خەلقنى قىزغىن سۆيىدىغان يازغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، مەن بىر پارچە ماقالە يېزىپ ئۇنى ياد ئەتتىم. ئۇنىڭ ‹‹جاھاندارچىلىق قىلغاندا ئەلنىڭ غېمىنى يېيىش كېرەك››، دېگەن مىسراسىدا ئىپادىلىگەن ۋەتەن ۋە خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاقىدىغان خەلقپەرۋەرلىكى مەندە ئەڭ چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان. ئەدەبىيات – سەنئەت خادىملىرى ئۇتۇق قازانماقچى بولسا، جەزمەن خەلق بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇپ، خەلقنىڭ خۇشاللىقىدىن شادلىنىپ، خەلقنىڭ قايغۇسىغا قايغۇرۇپ، خەلقنىڭ چاكىرى بولۇشى كېرەك. بۇ بىردىنبىر توغرا يول، شۇنداقلا يازغۇچىلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ ئەڭ زور بەختىدۇر.

  خەلقنى قىزغىن سۆيۈش قۇرۇق شوئار ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭقۇر ئەقلىي بىلىش ۋە كونكرېت ئەمەلىي ھەرىكەت بولۇشى كېرەك. خەلقنى سەمىمىي، تولۇق، ئۇزاققىچە سۆيۈش ئۈچۈن، خەلقنىڭ تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلق ئارىسىغا، تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، سەمىمىي ئىخلاس بىلەن خەلقنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇشىمىز كېرەك. مەن تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈشنى سۆزلىسەم، بەزى يولداشلار تۆۋەنگە چۈشكەن بولسىمۇ، ئات ئۈستىدە گۈل كۆرگەندەك قىلىپ، ئامما ئارىسىغا ھەقىقىي چۆكمىدى. ‹‹كىم ئۈچۈن، كىمگە تايىنىش، مەن كىم››دىن ئىبارەت بۇ مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىش ئۈچۈن، قەلبىمىزدىكى ‹‹قورۇق تام›› نى بۇزۇپ تاشلاپ، جىسمىمىز بىلەنلا ئەمەس، يەنە پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خەلق ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈشىمىز كېرەك.

  ئەدەبىيات – سەنئەتتىكى بارلىق يېڭىلىق يارىتىش يىغىپ ئېيتقاندا، بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا خەلقتىن كېلىدۇ. ‹‹بىلىم تۇرمۇشتىن كېلىدۇ، ھېسسىيات پىشىپ يېتىلگەندە داڭلىق ئەسەر مەيدانغا كېلىدۇ››. سەنئەت تەسەۋۋۇر قانىتىدا پەرۋاز قىلسىمۇ، جەزمەن ئەمەلىيەتنى ئاساس قىلىش كېرەك. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ يۈز ھەتتا مىڭ خىل ئۇسۇلى بار بولسىمۇ، خەلقنى ۋە تۇرمۇشنى ئاساس قىلىش ئەڭ تۈپكى، ئەڭ ئاچقۇچلۇق، ئەڭ ئىشەنچىلىك ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ. ساۋ شۆچىن ئەينى چاغدىكى ئىجتىمائىي تۇرمۇشنى ھەر تەرەپلىمە كۆزەتمىگەن ۋە ئىنچىكە تەھلىل قىلمىغان بولسا، ‹‹قىزىل راۋاقتىكى چۈش››تىن ئىبارەت بۇنداق قامۇسقا ئوخشاش مەشھۇر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىغان بولاتتى. لۇ شۈن شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى – كەينىدىكى تۆۋەن قاتلامدىكى خەلقنىڭ ئەھۋالى ۋە روھىي ھالىتىنى پىششىق بىلمىگەن بولسا، شياڭلىن يەڭگە، رۇنتۇ، ئاQ ، كۇڭ يىجى قاتارلىق ئوبرازلارنى جانلىق يارىتالمىغان بولاتتى.

  بېكىنىۋالغاندا ئۇزاق مەزگىللىك ئەدەبىي ئىلھام ۋە ئىجادىيەت قىزغىنلىقى بولمايدۇ. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىدا ئۆتكەن بىر شائىر يازغۇچىنىڭ ئۆيدە ئولتۇرۇپ پۈتۈن ئوي – پىكرىنى ئىشقا سېلىپ ئەسەر ئىجاد قىلالماسلىقىنى ‹‹قول بارماقلىرىمۇ چىلىق – چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن››دەپ سۈپەتلىگەن. بىز تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا تۇرمۇشنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئىگىلىشىمىز كېرەك. تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆككەندىلا، ئاندىن شېئىر يېزىپ چىققىلى بولىدۇ. تۇرمۇشنى ياخشى كۆزىتىپ، تولۇق چۈشەنگەندىلا، ئاندىن چوڭقۇر ھېسسىيات ۋە جانلىق ئوبرازغا ئايلاندۇرۇپ، ئىجاد قىلىنغان ئەسەر كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. بارلىق ئىجادىيەت ماھارىتى ۋە ۋاسىتىسى ئەڭ ئاخىرىدا مەزمۇننى ئىپادىلەپ، تېخىمۇ يارقىن، تېخىمۇ ئۆزگىچە، تېخىمۇ تەلتۆكۈس شەخسلەر، ۋەقەلەر ۋە قائىدىلەرنى بايان قىلىدۇ. بۇ پىرىنسىپتىن چەتنىگەندە، ماھارەت ۋە ۋاسىتىنىڭ قىلچە قىممىتى بولمايدۇ، ھەتتا سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشى مۇمكىن.

  تۇرمۇش ھەمىشە باھار تەنتەنىسىگە چۆمۈپ، نۇر چاقناپ تۇرۇۋەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. تۇرمۇشنىڭ يەنە كىشىنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدىغان نۇرغۇن تەرىپى بولۇپ، يەنە بەزى رەزىل ھادىسىلەر ساقلانغان. بۇ ھادىسىلەرنى ئەكس ئەتتۈرمەيمىز ئەمەس، بەلكى قانداق ئەكس ئەتتۈرۈش مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشىمىز كېرەك. قەدىمكىلەر: ‹‹زىيادە خۇشال بولماسلىق، زىيادە قايغۇرماسلىق››، ‹‹ھېسسىيات قائىدە – تۈزۈمدىن ھالقىپ كەتسە بولمايدۇ››، دېگەن. ئەدەبىي ئىجادىيەت نوقۇل ھازىرقى ھالەتنى خاتىرىلىسە، رەزىللىكنى ئۆز ئەينى ئىپادىلەپ يورۇقلۇقنى مەدھىيەلىمىسە، ئارزۇنى ئىپادىلەپ، ئەخلاقنى يېتەكلەش ۋە ئالغا بېسىشقا ئىلھام بېرەلمەيدۇ. رېئالستىك روھ ۋە رومانتىك ھېسسىيات ئارقىلىق رېئال تۇرمۇشنى يورۇتۇپ، يورۇقلۇق ئارقىلىق زۇلمەتنى يوقىتىپ، گۈزەللىك ئارقىلىق رەزىللىكنى يېڭىپ، كىشىلەرگە گۈزەللىك، ئۈمىد ۋە ئارزۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك.

  ياخشى ئەسەر خەلقنىڭ ۋە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ باھالىشىدىن ئۆتكەن، بازاردا سىنالغان، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇلغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىجتىمائىي ئۈنۈم بىلەن ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئۆزئارا بىرلەشتۈرۈلگەن ئەسەر بولۇشى كېرەك. سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش شارائىتىدا، نۇرغۇن مەدەنىيەت مەھسۇلاتى

  بازار ئارقىلىق قىممەت يارىتىدۇ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ، ئەلۋەتتە. ۋاھالەنكى، ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە سېلىشتۇرغاندا، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئىككى خىل ئۈنۈم، ئىككى خىل قىممەت ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلگەندە، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە مۇلازىمەت قىلىشى، بازار قىممىتى ئىجتىمائىي قىممەتكە بويسۇنۇشى كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت ئىقتىسادىي مەنپەئەتكە باغلىنىپ قېلىپ، بازارنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ. نادىر ئەدەبىي ئەسەر ئەڭ ياخشىسى ئىدىيە، سەنئەت جەھەتلەردە ئۇتۇق قازىنىپلا قالماي، يەنە بازاردا قارشى ئېلىنغان بولۇشى كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ئېستېتىك غايىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ مۇستەقىل قىممىتىنى ساقلاپ، بازاردا قارشى ئېلىنىش دەرىجىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان تارقىتىلىش مىقدارى، كۆرۈش نىسبىتى، چېكىلىش نىسبىتى، بېلەت كىرىمى قاتارلىق مىقدارلاشتۇرۇلغان كۆرسەتكۈچلەرنى مۇۋاپىق بېكىتىش؛ بۇ كۆرسەتكۈچلەرگە سەل قاراشقا ھەم ئۇلارنى ئىنكار قىلىشقا بولمايدۇ، شۇنداقلا بۇ كۆرسەتكۈچلەرنى مۇتلەقلەشتۈرۈپ، بازارنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ بۇرنىدىن يېتىلەپ مېڭىشىغا يول قويساق بولمايدۇ.

  بەزى يولداشلار دۇنيا تولىمۇ كەڭرى، جۇڭگودا ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىلغار تەرەپلىرىگە كۆز تىكىش بىلەن بىللە، ھازىرقى جۇڭگولۇقلارنىڭ ياشاش ئەمەلىيىتىگە سەمىمىي يۈزلەنسەك، ئاندىن ئىنسانىيەتنى جۇڭگونىڭ تەجرىبىسىگە ئىگە قىلالايمىز، بىزنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت ئىقتىدارىمىز دۇنياغا ئالاھىدە شان – شۆھرەت ۋە رەڭ قوشىدۇ، دېيىشتى. ئۇلارنىڭ ئېيتقىنى ئورۇنلۇق. جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخى، يېقىنقى زاماندىن بۇيان جۇڭگو خەلقىنىڭ مىللىي مۇستەقىللىق، ئازادلىق ئۈچۈن قان كېچىپ كۈرەش قىلىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئىنقىلاب قىلىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ئىسلاھات قىلىشتەك تارىخىي مۇساپە، ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭگودىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىش ۋە 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ تولىمۇ مول مەزمۇنغا ئىگە ئىشلەپچىقىرىشى ۋە تۇرمۇشى ئەدەبىي ئىجادىيەتنى تولىمۇ مۇنبەت تۇپراق بىلەن تەمىنلىدى، يېزىشقا ئەرزىيدىغان نەرسىلەر تولىمۇ كۆپ. بىز پەقەت خەلق بىلەن بىللە بولساقلا، ئانا ۋەتىنىمىزدىن چەكسىز كۈچ – قۇدرەتكە ئېرىشەلەيمىز.
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر