باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا قىلىنغان سۆز(6)

2015.10.20 15:57         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

   بەشىنچى مەسىلە: پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك

  پارتىيە رەھبەرلىكى سوتسىيالىستىك ئەدەبىيات – سەنئەت تەرەققىياتىنىڭ تۈپ كاپالىتى. پارتىيەنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتى جان – دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ تۈپ ئاساسىي مەقسىتىمۇ ئوخشاشلا خەلق ئۈچۈن ئىجاد قىلىش. بۇ مەۋقەدە چىڭ تۇرغاندىلا، پارتىيە بىلەن ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلغىلى، پارتىيەۋىلىك بىلەن خەلقچىللىقنىڭ، سىياسىي مەيدان بىلەن ئىجادىيەت ئەركىنلىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا ئىگىلىگىلى بولىدۇ.

  پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىگە بولغان رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاشتا تۆۋەندىكى ئىككى نۇقتىنى ئىگىلەش كېرەك:

  بىرىنچىدىن، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرگە تايىنىش، ئىككىنچىدىن، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىش ۋە ئەمەل قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئاڭلىقلىق ۋە ئىشەنچنى سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش يۈكسەكلىكىدە كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىنى مۇھىم قارالما ۋە كۈنتەرتىپكە كىرگۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئەتكە دائىر فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەدەبىيات – سەنئەتنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئىگىلىشى كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت ئورۇنلىرىنىڭ رەھبەرلىك بەنزىسىنى ياخشى تاللاپ، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىلەن ئىچقويۇن – تاشقويۇن بولالايدىغان كادىرلارنى رەھبەرلىك ئورنىغا قويۇش كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ ئىجادىيەت خاسلىقى ۋە ئىجادىي ئەمگىكىگە ھۆرمەت قىلىپ، سىياسىي جەھەتتە تولۇق ئىشىنىپ، ئىجادىيەتتە قىزغىن قوللاپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىگە پايدىلىق ياخشى مۇھىت يارىتىش كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىلەن سەمىمىي دوست بولۇپ، ئۇلارنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈپ، قەلب ساداسى ۋە ئارزۇ – ئارمانلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاش كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەت بازىسى قۇرۇش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، زىيانلىق ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تارقىلىشىغا ھەرگىز يول قويماسلىق كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، مەدەنىيەت تارماقلىرى پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىدە، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىگە بولغان يېتەكچىلىك ۋە ياردەمنى، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنى يېتەكلەش ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، يازغۇچىلار جەمئىيىتى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي مۇلازىمەت، كەسپىي باشقۇرۇش، كەسپىي تەلەپنى كۈچەيتىپ، ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ ھەقىقىي ئائىلىسىگە ئايلىنىشى كېرەك.

  ھازىر، ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتىنىڭ ئوبيېكتى، ئۇسۇلى، ۋاسىتىسى، مېخانىزمىدا نۇرغۇن يېڭى ئەھۋال، يېڭى ئالاھىدىلىك مەيدانغا كەلدى، ئەدەبىيات – سەنئەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ۋەزىيىتى، خەلقنىڭ ئېستېتىك تەلىپىدە، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنىڭ تارقىلىش ئۇسۇلى ۋە ئاممىنىڭ قوبۇل قىلىش، ھۇزۇرلىنىش ئادەتلىرىدە زور ئۆزگىرىش بولدى. ئەنئەنىۋى ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتى ۋە تارقىلىشىغا قارىتا، بىز بىرقەدەر پىشقان تۈزۈلمە – مېخانىزم ۋە باشقۇرۇش تەدبىرلىرىگە ئىگە بولدۇق، ھالبۇكى يېڭى ئەدەبىيات – سەنئەت شەكلىگە قارىتا، بىزدە يەنە ئۈنۈملۈك باشقۇرۇش شەكلى ۋە ئۇسۇلى كەمچىل. بۇ جەھەتتە جەزمەن رىتىمغا ئەگىشىپ، تەتقىق قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا كۈچىشىمىز كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، سىياسەتنى، تۈزۈلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، نادىر ئەسەرلەر ۋە ئىختىساسلىقلار ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىشتەك جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك.

  ئەدەبىيات – سەنئەتكە باھا بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىش ۋە بۇ خىزمەتنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئەدەبىيات – سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ ئەينىكى، شىپالىق دورىسى بولۇپ، ئىجادىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى بارلىققا كەلتۈرۈش، ئېستېتىك قاراشنى يۈكسەلدۈرۈش، زامانىۋىلىققا يېتەكلەشتىكى مۇھىم كۈچ. ئەدەبىي تەنقىد تەنقىدنى ئاساس قىلىشى كېرەك، نوقۇل ھالدا تەرىپلەشكە، ھەتتا چاكىنىلىق بىلەن كۆپتۈرۈش، خۇشامەتچىلىك قىلىشقا، غەربنىڭ نەزەرىيەسى ئارقىلىق جۇڭگولۇقلارنىڭ ئېستېتىك قارىشىنى بەلگىلەشكە بولمايدۇ، ئاددىي سودا ئۆلچىمىنى سەنئەت ئۆلچىمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئاددىي تاۋار دەپ قاراشقا، ‹‹بېرىلگەن ھەقنىڭ ئاز – كۆپلۈكى ئارقىلىق باھانىڭ يۇقىرى – تۆۋەنلىكىنى بەلگىلەش››كە تېخىمۇ بولمايدۇ. ئەدەبىي تەنقىدنىڭ ياخشى – ياماننى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئاجىزلاشقاندا، جەڭگىۋارلىقى، قايىل قىلىش كۈچىمۇ ئاجىزلايدۇ. بۇ، ئەدەبىيات – سەنئەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا پايدىسىز.

  ھەقىقەت ئېگىلىدۇ، سۇنمايدۇ. ناۋادا ئازراقمۇ تەنقىدلەش بولماي، پۈتۈنلەي ماختاش ۋە ئۆزىنى ئۆزى ماختاش ۋە كۆپتۈرۈش، نام چىقىرىشقىلا ئەھمىيەت بېرىلسە، بۇ، ئەدەبىي تەنقىد بولماي قالىدۇ! ئالتۇنمۇ يۈزدە يۈز ساپ بولمايدۇ، يېتەرسىزلىكى يوق ئادەم مەۋجۇت ئەمەس، دۇنيادا كەم – كۈتسىز مۇكەممەل نەرسە تېخىمۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئاچچىق دورا كېسەلگە شىپا قىلىدۇ، توغرا گەپ قۇلاققا خۇشياقمىغان بىلەن پايدىلىق. پەقەت ھەقىقىي تەنقىد بولغاندىلا، ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىمىز تېخىمۇ ياخشىلىنىدۇ. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ئەلالىرىنى تەرىپلەپ، ناچارلىرىنى سۆكۈش، يامانلارغا لەنەت ئوقۇپ، ياخشىلارنى مەدھىيەلەش كېرەك. خۇددى لۇ شۈن ئېيتقاندەك، تەنقىدچى ‹‹ئالمىنىڭ سېسىقىنى ئېلىۋېتىش›› خىزمىتىنى ئىشلەپ، ‹‹سېسىغان يېرىنى ئويۇپ تاشلاپ، ياخشى يېرىنى ئېلىپ قېلىشى›› كېرەك. دوست بولغىنى ئۈچۈنلا كۆرمەسكە سېلىپ، دوستىنىڭ يۈزىنى دەپ، تەنقىد قىلىشقا پېتىنالماسلىققا بولمايدۇ. يازغۇچى ۋە سەنئەتكارلار ئۆز ئەسىرىنىڭ كەمچىلىكىگە باھا بەرگەن تەنقىدچىگە دادىل يۈزلىنىشى، ھۆرمەت پوزىتسىيەسى بىلەن تەنقىدنى خۇشال قوبۇل قىلىشى كېرەك. ماركسىزملىق ئەدەبىيات – سەنئەت نەزەرىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگونىڭ قەدىمكى زامان ئەدەبىي تەنقىدچىلىكى نەزەرىيەسىنىڭ مۇنەۋۋەر مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىپ، ھازىرقى زامان غەرب ئەدەبىيات – سەنئەت نەزەرىيەسىدىن تەنقىدىي ئۆرنەك ئېلىپ، تەنقىدتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ئۆتكۈر قورال››نى ياخشى بىلەپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ ‹‹رولى››نى ياخشى تۇتۇپ، ئەسەرلەرنى تارىخ، خەلق، سەنئەت، گۈزەللىك قارىشى ئارقىلىق باھا بېرىپ ۋە ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىپ، سەنئەتنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىدە دادىللىق بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ناچار ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرى، ھادىسىسى، ئىدىيە ئېقىمىغا دادىل پوزىتسىيە بىلدۈرۈپ، چوڭ ھەق، چوڭ ناھەق مەسىلىلىرىدە مەيدانىنى دادىل ئىپادىلەپ، راست سۆزلەش، قائىدە سۆزلەشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك.

  يولداشلار! ‹‹گۈل – چېچەكلەرنىڭ بەس – بەستە ئېچىلىشى باھاردىن دېرەك بېرىدۇ››. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەدەبىيات – سەنئەت خىزمىتى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەردىن زور ئۈمىد كۈتىدۇ. ئەدەبىيات – سەنئەت سېپى ۋە ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەرنىڭ دەۋرنىڭ چاقىرىقى، خەلقنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويماي، تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەدەبىيات – سەنئەت ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلىپ، مەدەنىيەتنىڭ زور تەرەققىياتى، گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتتە كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
【1】 【2】 【3】 【4】 【5】 
【6】 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر