باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى»نى تارقاتتى

2015.10.22 15:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «نىزام» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ جايلار، تارماقلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەستايىدىل رىئايە قىلىپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2003 - يىلى 12 – ئايدا تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام چارىسى نىزامى» پارتىيە نىزامنامىسى ۋە باشقا پارتىيە ئىچىدىكى قائىدە - نىزاملارنى ھىمايە قىلىپ، پارتىيە ئىنتىزامىنى چىڭىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ، بۇ نىزام پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش يېڭى ئەمەلىيىتىنىڭ ئېھتىياجىغا تولۇق ماسلىشالمىغاچقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بۇ «نىزام» پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش ۋە ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىنتىزامى بويىچە جازالاش تەلىپىنى چۆرىدەپ، سەلبىي تىزىملىك تۈزۈپ، قائىدە ئورنىتىشقا ئەھمىيەت بېرىشى، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئەزالىرى رەت قىلالمايدىغان تۆۋەن چەكنى بەلگىلىدى. بۇ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش تەلىپىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىنتىزام ۋە قائىدىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە نىزامنامىسى ۋە پارتىيە ئىچىدىكى باشقا قائىدە - نىزاملارنىڭ نوپۇزى، قەتئىيلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەنى، فاڭجېنى، سىياسىتى، قارارى ۋە دۆلەتنىڭ قانۇن - بەلگىلىمىلىرىنىڭ ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى ۋە ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر