- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لىۋان پارلامېنتى، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىشنى 30-قېتىم كېچىكتۈردى
2015.10.23 13:25 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لىۋان خەلق پارلامېنتى 21-ئۆكتەبىر، شۇ كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن لىۋان زۇڭتۇڭى سايلىمىغا ئاۋاز بېرىشنىڭ ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىدىغان پارلامېنت ئەزالىرى قانۇندا بېكىتىلگەن سانغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن داۋاملىق كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ ئۆتكەن يىلى 4-ئايدىن بۇيان لىۋان پارلامېنتىنىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىشنى 30-قېتىم كېچىكتۈرۈشى.
لىۋان پارلامېنتىنىڭ باش كاتىپى ئادىنە ئارقىدىن، زۇڭتۇڭ سايلىمىغا ئاۋاز بېرىشكە قاتنىشىدىغان پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ قانۇندا بېكىتىلگەن سانغا يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن، پارلامېنت باشلىقى بىرى لىۋاننىڭ 13-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭ سايلىمىنىڭ 2-قېتىملىق ئاۋاز بېرىشنى 11-ئاينىڭ 11-كۈنىگە كېچىكتۈرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر