باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ لوندون پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى شەھەر مەمۇرىيىتى زالىدا نۇتۇق سۆزلىدى

2015.10.23 11:49         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى 21-ئۆكتەبىر دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لوندون پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى شەھەر مەمۇرىيىتى زالىدا ئېچىۋىتىلگەن سىغدۇرۇشچان بولۇشنى بىرلىكتە تەشەببۇس قىلىش، تىنچ تەرەققىياتنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈش تېمىسىدا مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە دەۋر بەرگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى بىرلىكتە ئېچىپ، ئىنسانلارنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت بۇ ئالىيجاناب ئىشلار ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەك.

  توندىن شەھىرىدىكى پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى دۇنيادىكى ئاساسلىق پۇل مۇئامىلە مەركەزلىرىنىڭ بىرى. 21-ئۆكتەبىر كەچتە لوندون پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىنىڭ باشلىقى يارراۋ پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسى مەمۇرىيىتى زالىدا داغدۇغىلىق مۇراسىم ۋە كەچلىك زىياپەت ئۆتكۈزۈپ، شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيىگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ بىلەن پېڭ لىيۈەن پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىگە كەلگەندە شاھزادە ئاندرېۋ، پۇل مۇئامىلە شەھەرچىسىنىڭ باشلىقى يارراۋ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى قىزغىن كۈتۈۋالدى.

  قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە شى جىنپىڭ مۇھىم نۇتۇق سۆزلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا ئېچىۋېتىش سىغدۇرۇش، كۆپ قۇتۇپ بولۇش ئۆز ئارا ئەينەك قىلىش ئاساس؛ ئۆز ئارا ئالاقە باغلاش، ئۆز ئارا تايىنىش چوڭ ئېقىم؛ تىنچلىق، تەرەققىيات ، ھەمكارلىق، تەڭ يېڭىش ئاساسىي مېلودىيە.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ دىققىتىنى بارغانسېرى تارتماقتا. مەن سىلەر ئەڭ قىزىقىۋاتقان بىر قانچە مەسىلىلەردە توختىلىپ ئۆتىمەن.

  1. جۇڭگو خەلقى تارىخ تاللىغان يولدا مېڭىۋاتىدۇ. جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم يولىنى تاللىشى تارىخنىڭ تاللىشى، خەلقنىڭ تاللىشى. جۇڭگو نەچچە ئون يىلدا تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر نەچچە يۈز يىل باسقان تەرەققىيات مۇساپىسىنى بېسىپ بولدى. بۇ جۇڭگونىڭ توغرا يولدا ماڭغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.

  2. جۇڭگو خەلقىگە تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇش كېرەك. جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت. تۇرمۇشنى تېخىمۇ ياخشىلاش ئۈچۈن ، جۇڭگو خەلقى ئۇزۇن مەزگىل تىرىشچانلىق كۆرسىتىشكە توغرا كېلىدۇ. جۇڭگو ئارزۇسى جۇڭگو خەلقنىڭ بەختكە ئىنتىلىش ئارزۇسى ،شۇنداقلا ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ گۈزەل ئارزۇسىغا ماس كېلىدۇ.

  3.جۇڭگو خەلقى دۇنيانىڭ تىنچ بولۇشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. تىنچلىق گېنى جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ قان تومۇرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.جۇڭگو تىنچ تەرەققىيات يولىدا داۋاملىق ماڭىدۇ، دۆلەت كۈچەيسە جەزمەن زومىگەر بولۇش لوگىكىسىنى قوبۇل قىلمايدۇ. جۇڭگو خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىنسانلار تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەتنى ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەمكارلىقى مۇقىم ساغلام تىز تەرەققىي قىلماقتا. ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ۋە كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ھەمدە ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتى ئارقىلىق جۇڭگو ياۋروپا ھەمكارلىقىغا ياردەم بېرىپ، ئاسىيا ۋە ياۋروپانىڭ ئورتاق تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش لازىم.

  شى جىنپىڭنىڭ نۇتۇقى پۈتۈن مەيداندا كۆپ قېتىم ئالقىشقا مۇيەسسەر بولدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر