باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ما كەي: ياشلار ئىگىلىك تىكلەش قىزغىنلىقىنى قوزغاش كېرەك

2015.10.23 12:07         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ما كەي «جۇڭگو ئىگىلىك تىكلەش قانىتى» ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياشلارنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى جارىي قىلدۇرۇپ، ئاكتىپلىقىنى قوزغاپ، ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەۋەسكارلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش، ھەممە ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشنى كەيپىياتقا ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئوتتۇرىھال يۇقۇرى سەۋىيەدە ئېشىشى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. ما كەي تۈنۈگۈن «مەملىكەتلىك ھەممە ئىگىلىك تىكلەش، ئامما يېڭىلىق يارىتىش پائالىيىتى ھەپتىلىكى» نىڭ ئاساسىي تېمىلىق كۆرگەزمىسىنى كۆردى، «جۇڭگو ئىگىلىك تىكلەش قانىتى» ياشلار ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر