باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىغىدا ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى داۋاملىق يۈز بەرمەكتە

2015.10.23 13:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسرائىلىيە ئارمىيەسى 21-ئۆكتەبىر بايانات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىغىدا شۇ كۈنى ئىككى قېتىم پەلەستىنلىكلەر ئىسرائىلىيە دۆلەت مۇداپىئە ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىنىڭ ئالتە ئەسكىرى يارىلاندى، پەلەستىنلىك بىر ھۇجۇم قىلغۇچى ئېتىپ تاشلاندى.

  ئىسرائىلىيە بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئىرۇسالىمدىكى ھوشيارلىقىنى كۈچەيتىشىگە ئەگىشىپ، يېقىنقى بىر قانچە كۈندىن بۇيان ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىغىغا يۆتكەلدى، پەلەستىنلىكلەر ھۇجۇمنى ئاساسلىقى يەھۇدىيلار مەھەللىسىدىكىلەر بىلەن ئىسرائىلىيە ئارمىيەسىگە قاراتتى.

  مۇشۇ ئاينىڭ باشلىرىدىن بۇيان، ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىن رايونىنىڭ بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى. ئۈچ ھەپتە داۋاملاشقان پەلەستىنلىكلەرنىڭ ئىسرائىلىيەلىكلەرگە ھۇجۇم قىلىش دولقۇنىدا ئىسرائىلىيەلىك ئون كىشى قازا قىلدى، 100 دىن كۆپرەك كىشى يارىلاندى. ھۇجۇم قىلىش ۋە توقۇنۇشتا يەنە 50 گە يېقىن پەلەستىنلىك قازا قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر