باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەملىكەتلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى

باش نىشاننى چۆرىدەپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك

جاڭ چۈنشيەن ،ساۋ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2015.10.23 12:13         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مەملىكەتلىك تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 22 - ئۆكتەبىر چۈشتىن ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى، بىڭتۈەن پارتكومىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - سىياسىي كومىسسارى جاڭ چۈنشيەن، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، باش تەپتىش ساۋ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  ئۇزاقتىن بۇيان، بولۇپمۇ يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى زىچ چۆرىدەپ، «شىنجاڭغا كەسىپلەر بويىچە نىشانلىق ياردەم بېرىشنى مەركەز، كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ئاساس، مائارىپ ۋە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ياردەم بېرىشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، مەبلەغ ۋە تۈر بويىچە ياردەم بېرىشنى كاپالەت قىلىش» ئومۇمىي تەپەككۇرى بويىچە، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈردى. ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى نەتىجىسىدە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى جىنايەتكە زەربە بېرىش، چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاش، ئۆز قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىزمەتلەرنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم «زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش، قانۇن ئىدارە قىلىش، تەرتىپكە ئەھمىيەت بېرىش»تە، «زەربە بېرىشنىمۇ، تەربىيەلەش - يېتەكلەشنىمۇ چىڭ تۇتۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئاساسىنى كۈچەپ پۇختىلاپ، كەڭ كۆلەمدىكى تەشۋىقات - تەربىيە ئارقىلىق ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىي ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قانۇن نازارەتچىلىكى فۇنكسىيەسىنى قانۇن بويىچە ئومۇميۈزلۈك ئادا قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم قەدەم باستى. بۇ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى، سەمىمىي غەمخورلۇقىنىڭ نەتىجىسى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىگەنلىكىنىڭ نەتىجىسى، شۇنداقلا بۇنى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان 19 ئۆلكە، شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ كۈچەپ قوللىشى ۋە خالىس ياردەم بەرگەنلىكىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.

  جاڭ چۈنشيەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش ئورگانلىرى ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، مەركەزنىڭ 2 - قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ۋە مەملىكەتلىك 5 - قېتىملىق شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى يىغىنىنىڭ روھىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك ئومۇمىي نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ھالدا تۆۋەندىكى تۆت جەھەتتىكى خىزمەتنى ياخشى ئىشلىشى كېرەك:

  بىرىنچى، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ساقلاش كېرەك. زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىگە زەربە بېرىشنى باشتىن - ئاخىر مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، «بىرگە قارشى تۇرۇپ، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش»تە، ئىككى قولدا چىڭ تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىتتىپاقلاشتۇرۇش كېرەك.

  ئىككىنچى، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئېڭىنى قانۇن چىقىرىش، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش، قانۇنغا رىئايە قىلىشنىڭ ھەر بىر ساھە، ھەر بىر ھالقىلىرىغىچە سىڭدۈرۈپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش؛ چىرىكلەشكەنلەرنى جازالاشنىڭ يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى داۋاملىق ساقلاش؛ قانۇن يۈرگۈزۈشتە ئادىل بولۇشنىڭ تۆۋەن چېكىدە چىڭ تۇرۇپ، ھەر بىر ئەدلىيە دېلوسىدا خەلققە ئادىل، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

  ئۈچىنچى، ئەدلىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئىدىيە، سىياسىي جەھەتتىن يېتەكلەشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئەدلىيە خادىملىرىنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاش؛ ئىسلاھاتنى بۆلەك، قەدەم - باسقۇچ بويىچە ئىلگىرى سۈرۈش؛ ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار يۆنىلىشنى توغرا ئىگىلەپ، ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى دادىل، جاسارەتلىك بولۇپ، ئىسلاھاتنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرگەن ھالدا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.تۆتىنچى، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. تەپتىش ئورگانلىرى قوشۇنىنىڭ ئىدىيەۋى، سىياسىي ساپا، كەسپىي خىزمەت ئىقتىدارى، كەسپىي ئەخلاق ئۆلچىمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش؛ شىنجاڭچە ياخشى سىياسىي قانۇن كادىرى بولۇش تەلىپى بويىچە، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ قوشۇن قۇرۇلۇشىنى قەتئىي بوشاشماي چىڭ تۇتۇش كېرەك.

  ساۋ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: مەملىكەتلىك تەپتىش ئورگانلىرى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتىنى پۇختا ئىگىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە پايدىلىق بولۇشنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشنىڭ تۈپ مەقسىتى قىلىپ، «ئالتە بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن» تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ئەندىزىسىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، «13 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش يىرىك پىلانىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىنى دۆلەت ۋە يەرلىكنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزۈشكە تىرىشىش كېرەك.

  ساۋ جيەنمىڭ مۇنداق دېدى: ئەدلىيە ئورۇنلىرى دېلو بېجىرىشتىن ئىبارەت بۇ مەركەزنى زىچ چۆرىدەپ، تەپتىش كەسپى مۇتەخەسسىسلىرى ۋە غوللۇق ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىشكە تەشكىللەپ، «ئۆمەك تەشكىللەش شەكلى»دىكى تەپتىش كەسپى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مېخانىزمى ئورنىتىش؛ كەمنى تولۇقلاش پىرىنسىپى بويىچە، شىنجاڭدىكى تەپتىش ئورگانلىرى جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان مەخسۇس ئىختىساسلىقلارنى شىنجاڭدا خىزمەت قىلىشقا ئەۋەتىش؛ كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش بىلەن يېتەكلەش بىر گەۋدىلەشكەن سەييارە لېكسىيە سۆزلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ تەپتىش كەسپى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلار كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش؛ ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ، تۈر، ئالماشتۇرۇش، تەربىيەلەش قاتارلىق تەپتىش كەسپى بويىچە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش؛ شىنجاڭنىڭ تەپتىش ئۇچۇر تېخنىكا ئىختىساسلىرىنى كەسىپ بويىچە تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش؛ شىنجاڭنىڭ تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ ئاساسىي ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ۋە ئۈسكۈنە - جابدۇق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشىگە نۇقتىلىق ياردەم بېرىش كېرەك.ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن باش ت−ەپتىش ج−اڭ چاڭرېن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ شياۋفېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەن رەھبەرلىرىدىن خەن يۇڭ، خۇاڭ ۋېي، شيۇڭ شۇەنگو، شۈ خەيرۇڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى گو ليەنشەن، باش تەپتىش نىشان ئىبراھىم ۋە بىڭتۈەن خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان ئۆلكە دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرى، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۈەندىكى ھەر دەرىجىلىك تەپتىش مەھكىمىلىرىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. 


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر