باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەنگلىيە كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ۋە كۇڭزى سىنىپى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى

2015.10.23 11:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن لوندوندا ئەنگلىيە كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ۋە كۇڭزى سىنىپى يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ ئەنگلىيە يورك كىنەزى شاھزادە ئاندىرېۋنىڭ ھەمراھلىقىدا ئېچىلىش مۇراسىمى نەق مەيدانىغا يېتىپ بېرىپ، ئەنگلىيە كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ۋە كۇڭزى سىنىپىنىڭ نەتىجە سۈرەت كۆرگەزمىسىنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلدى ھەم ئەنگلىيە كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ۋە كۇڭزى سىنىپى ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇچە ناخشا «مىننەتدار قەلب»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان دوكلات ئويۇنىنى كۆردى. شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: مەن ئەنگلىيەدە بۇنچە كۆپ ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىتىۋاتقانلىقى ھەم ئۆگىنىۋاتقانلىقى، بولۇپمۇ بۇنچە كۆپ ئەنگلىيەلىك ئوقۇغۇچىنىڭ جۇڭگونىڭ تىلى، مەدەنىيىتىگە قىزىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ بەك خۇشال بولدۇم. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تىل-بىر دۆلەتنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئاچقۇچى، كۇڭزى ئىنىستىتۇتى-دۇنيانىڭ جۇڭگونى تونۇشتىكى بىر مۇھىم سەھنىسى. جۇڭگو-چەتئەل تىل-مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇشنىڭ كۆزنىكى ھەم كۆۋرۈكى بولغان كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ھەم كۇڭزى سىنىپى دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەت خەلقىنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىش ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى چۈشىنىشىدە پائال رول ئوينىدى شۇنداقلا جۇڭگو بىلەن دۇنيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش، كۆپ مەنبەلىك، رەڭدار دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇھىم تۆھپە قوشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ئەنگلىيەدە تېز تەرەققىي قىلدى. نۆۋەتتە، ئەنگلىيەدە 29 كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ۋە 126 كۇڭزى سىنىپى قۇرۇلۇپ، سان جەھەتتە ياۋروپادا 1-ئورۇندا تۇرماقتا. شى جىنپىڭ بۇ-جۇڭگو-ئەنگلىيە ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇشىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى دېدى. شى جىنپىڭ ئاخىرىدا كۆپچىلىكنى جۇڭگو-ئەنگلىيە دوستلۇق ئىشلىرىغا ھاياتىي كۈچ قوشۇشقا ئىلھاملاندۇردى. شاھزادە ئاندىرېۋ مۇنداق دېدى: بىز ئەنگلىيە كۇڭزى ئىنىستىتۇتى ۋە كۇڭزى سىنىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ ئەنگلىيەلىك بالىلارنىڭ خەنزۇچە ئۆگىنىشىگە ئىلھام بېرىمىز. جۇڭگو-ناھايىتى مۇھىم دۆلەت، ئەنگلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىنتايىن مۇھىم. خەنزۇچە ئۆگىنىش-ئەنگلىيە-جۇڭگو ھەمكارلىق شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۆھپە قوشىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر