باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مەشھۇر ئەربابلار» ژۇرنىلى يېقىندا «جۇڭگو مەخسۇس سانى»نى نەشر قىلدى

2015.10.23 12:06         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئەنگلىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىدىغانلىقىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، ئەنگلىيەدە چىقىدىغان «مەشھۇر ئەربابلار» ژۇرنىلى يېقىندا «جۇڭگو مەخسۇس سانى»نى نەشر قىلدى. رەئىس شى جىنپىڭ ۋە ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت 2- مەخسۇس ساندا ئايرىم-ئايرىم تەبرىك سۆزى قىلدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك سۆزىدە ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو خەلقى ۋە ئەنگلىيە خەلقى ئۇلۇغ خەلق. 2004-يىلى ئىككى دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتى ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەت تېز تەرەققىي قىلدى، ئىقتىساد-سودا، مائارىپ، پەن- تېخنىكا، مەدەنىيەت، كىلىمات ئۆزگىرىشى، ئېنېرگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق نەتىجىلىرى مول بولدى. بىز ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت ئورتاق تەرەققىياتىنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسىنى يارىتىپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بىلەن تەمىنلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل دەل دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشى غەلىبىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى. ئىككى دۆلەت يۈرۈشلۈك خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنى ئاساس قىلغان ئۇرۇشتىن كېيىنكى خەلقئارا تەرتىپنىڭ قۇرغۇچىلىرى ۋە قوغدىغۇچىلىرى. مەن ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىرلىكتە تىرىشىپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى ئۇرۇشنىڭ غەلىبە مېۋىسىنى قوغداپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ باش مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ مەنپەئەتلىنىش يادرو قىلىنغان يېڭىچە خەلقئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىگە نەزەر تاشلىساق، جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، بىر - بىرىگە باراۋەر مۇئامىلىدە بولۇپ، جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ئۈلگىسىنى تۇرغۇزۇشنى خالايدۇ.

  ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى ئىلزابىت 2-نىڭ« مەشھۇر ئەربابلار» ژۇرنىلىدا قىلغان تەبرىك سۆزىدە، ژۇرنالنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پات ئارىدا بۈيۈك بىرىتانىيە ۋە ئىرېلاندىيە بىرلەشمە پادىشاھلىقىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇشىنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن، «جۇڭگو مەخسۇس سانى»نى نەشر قىلغانلىقىغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كېلىشىنى ھەمدە بۇنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھازىر بار بولغان ياخشى مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلدى.

  ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامىروننىڭ «مەشھۇر ئەربابلار» ژۇرنىلىدىكى تەبرىك سۆزىدە مۇنداق دېيىلىدۇ : رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتتە بولۇشى ئەنگلىيە جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى ئالتۇن دەۋرىنى ئاچىدۇ، ئىككى دۆلەت يەر شارى خاراكتېرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، 21-ئەسىردىكى رىقابەتكە تاقابىل تۇرىدۇ. بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىلىقىنى تېخىمۇ يېقىنلاشتۇرۇش، ئىجابىي خاراكتېرلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ باشلىنىشى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  «مەشھۇر ئەربابلار» ژۇرنىلى 1984-يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئەنگلىيە باش ۋەزىرىنىڭ زىيارەتكە چىقىشى ۋە مۇھىم دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ئەنگلىيەدىكى زىيارىتى توغرىسىدا مەخسۇس سان چىقىرىدۇ، ئوقۇرمەنلەر ئاساسلىقى ئەنگلىيە خان جەمەتى ۋە ھۆكۈمىتى شۇنداقلا دىپلوماتىيە، سودا-سانائەت قاتارلىق ھەر ساھەدىكى قابىل ئەربابلار.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر