باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كارخانىلارنىڭ تىجارەت مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشقا چېتىشلىق سىياسەتنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسى يەنىمۇ ئۆستۈرۈلدى

2015.10.23 12:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى 22-ئۆكتەبىر مۇنۇلارنى جاكارلىدى: ئالدىنقى مەزگىلدە كارخانا تىجارەت مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئېنىقلاپ چىقىش ئاساسىدا، ھۆكۈمەت باھا بېكىتىشنى باشقۇرىدىغان «مەركەزنىڭ كارخانىلارنىڭ تىجارەت مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشقا چېتىشلىق تىزىملىكىنى ئېنىقلاش» ۋە «مەركەزنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىسىدىكى تىجارەت مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشقا چېتىشلىق تىزىملىكىنى ئېنىقلاش»نى ئېلان قىلىپ يولغا قويۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت مۇلازىمەت ھەققى ئېلىشقا چېتىشلىق سىياسەتنىڭ ئاشكارىلىق دەرىجىسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوبۇل قىلدى.

  تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلارنىڭ تىجارەت مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: بىر قىسىم ئايرودۇرۇملارنىڭ مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئۇچۇشنى تەكشۈرۈش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش، خەلق ئاۋىياتسىيەسى ھاۋا بوشلۇقىنى باشقۇرۇش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش، بېلىقچىلىق پورتى ھەققى ئېلىش، قىسمەن پورتلارنىڭ مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش، سودا بانكىسىنىڭ ئاساسى مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش ۋە بانكا كارتىسىنى كارتىلاش رەسمىيەت ھەققى ئېلىش قاتارلىق ئالتە تۈر؛ تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن كارخانىلارنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت ھالقىسى تىجارەت مۇلازىمىتى ھەققى ئېلىش ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: كېمىلەرنىڭ پورتقا كىرىش چىقىش، توختاش مۇلازىمەت ھەققى ئېلىش، پورتنىڭ ئەسلىھەلىرىنىڭ ئامانلىقىنى ساقلاش ھەققى ئېلىش، ماللارنىڭ پورت خىراجىتى قاتارلىق 3 تۈر.

  مۇندەرىجە تىزىملىكى كېلەر يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر