باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك- دىيانەتلىك، تەلەپچان بولۇش مىزانى»نى تارقاتتى

2015.10.22 15:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى يېقىندا « جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پاك - دىيانەتلىك، تەلەپچان بولۇش مىزانى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «مىزان» دېيىلىدۇ) نى تارقاتتى ھەم ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلار، تارماقلاردىن ئەستايىدىل ئەمەل رىئايە قىلىپ ئىجرا قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنداق دېيىلدى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى 2010 - يىلى 1 - ئايدا بېسىپ تارقاتقان «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىگە دائىر بىر قانچە مىزانى» پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پاك مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىدە مۇھىم رول ئوينىغانىدى. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ مىزان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇشنىڭ يېڭى ئەمەلىي ئېھتىياجىغا ماس كەلمەي قالغاچقا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى.

  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: «مىزان» دا پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيى ۋە ج ك پ 18 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3 -، 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلۇپ، پارتىيەنى بەلگىلىمە بويىچە باشقۇرۇش بىلەن پارتىيەنى ئەخلاق ئارقىلىق باشقۇرۇشنى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، پاك - تەلەپچان بولۇش ئاساسىي تېمىسى زىچ چۆرىدەپ، پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، ئاساسىي مەقسىتى، ئېسىل ئەنئەنىسى ۋە ئىستىلى تەكىتلىنىپ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك بولۇشقا ئەھمىيەت بېرىلدى. بۇنىڭدا پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەندىن بۇيانقى تۇنجى ئىجابىي تەشەببۇستا چىڭ تۇرۇلغان، بارلىق پارتىيە ئەزالىرىغا يۈزلەنگەن پۈتۈن پارتىيەنىڭ پاك - تەلەپچان بولۇش خىزمىتىنى قېلىپلاشتۇرىدىغان مۇھىم ئۇللۇق قانۇن - بەلگىلىمىسى، پارتىيە نىزامنامىسىدىكى بەلگىلىمىلەرنىڭ كونكرېتلاشتۇرۇلۇشى بولۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق باشقۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ نەتىجىسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلارغا كۆرەلەيدىغان يۇقىرى ئۆلچەمنى قويۇپ، كوممۇنىسىتلارنىڭ ئالىيجاناب ئەخلاق - پەزىلەتكە ئىنتىلىشىنى نامايان قىلىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پارتىيە ئىچىدىكى نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى مەڭگۈ ساقلاشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر