باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پاكىستان يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىدىكى مەقسىتىنىڭ ھىندىستانغا تەھدىت سېلىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى

2015.10.23 13:31         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى خەۋىرى: «ھىندىستان ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پاكىستان ھۆكۈمەت تەرەپ يېقىندا تۇنجى قېتىم ئۆزلىرىنىڭ يادرو قورالىغا ئىگە بولۇشىدىكى مەقسىتىنىڭ ھىندىستانغا تەھدىت سېلىش ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى. پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋدۇرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھىندىستان ھىندىستان-پاكىستان چېگراسىغا زەمبىرەك ئورۇنلاشتۇرۇپ، چېگرىدىكى ئەسكىرىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى. شۇڭا پاكىستان ھىندىستانغا تەھدىت سېلىپ، ئۇنىڭ ھۇجۇم قىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قىسقا مۇساپىلىك يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەجبۇر بولدى.

  ئامېرىكا يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستاننىڭ تاكتىكىلىق يادرو قوراللىرىنى چېكىندۈرۈپ چىقىپ، خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئەگەر يادرو قورالى تېررورچىلارنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتسە، غايەت زور تەھدىت پەيدا قىلىدۇ.

  ھىندىستان، مەيلى يادرو قورالىنىڭ چوڭ ياكى كىچىك بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئەگەر پاكىستان بىزگە يادرو قورالى ئىشلىتىپلا قالسا، بىز زور كۆلەملىك قايتۇرما زەربە بېرىمىز، دېدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر