باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمى ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ماقۇللاندى

2015.10.23 13:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاۋسترالىيەنىڭ سودا ۋە مەبلەغ سېلىش مىنىستىرى ئابندىرو روبۇ 21-ئۆكتەبىر، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيەنىڭ جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىگە ئالاقىدار مەسىلىلەردە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى، لىبوروسلار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنتتىكى ئاۋاز بېرىشتە جۇڭگو بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ قوللىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتتىكى ئىككى پالاتادا ماقۇللانغانلىقىدىن دېرەك بەردى.

  ئاۋسترالىيە زۇڭلىسى مالكولۇم تۇرۇنبۇل 21-ئۆكتەبىر مۇنداق دېدى: ئاۋستىراليە جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىدىن نەپكە ئىگە بولدى، جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمى ئاۋسترالىيەنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ بۇرۇلىشىدىن پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ داۋاملىق گۈللىنىشنى ساقلىشىغا پايدىلىق.

  جۇڭگو ئاۋسترالىيە ھۆكۈمەتلىرى بۇ يىل 6-ئايدا جۇڭگو ئاۋسترالىيە ئەركىن سودا كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىغان، ئىككى دۆلەتنىڭ قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگانلىرى تەستىقلىغاندىن كىيىن، ئەركىن سودا كېلىشىمى رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. كېلىشىم بۇ يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن ئىلگىرى كۈچكە ئىگە بولۇشى، ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشىمدىكى تاموژنا بېجىنى ئازايتىش ۋە كەچۈرۈم قىلىشتەك ئېتىباردىن بالدۇرراق بەھرىمەن بولۇشىغا پايدىلىق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر