باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

گرېتسىيە 2015-يىلى قوبۇل قىلغان مۇساپىر 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى

2015.10.23 13:19         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىسپانىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇساپىرلار مەھكىمىسى 20-ئۆكتەبىر گرېتسىيە 2015-يىلى قوبۇل قىلغان مۇساپىر سانىنىڭ 500 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەنلىكى، گرېتسىيە مۇساپىرلار مەركىزىنىڭ بۇ مۇساپىرلارنى كۈتىۋېلىشقا تەييارلىقى يوقلۇقىنى ئېلان قىلغان.

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ ئېيتىشىچە، 20-ئۆكتەبىر بىر كۈندىلا 27500 مۇساپىر گرېتسىيە مۇساپىرلار مەركىزىدە تىزىمغا ئالدۇرغان.

  بۇ باياناتچى: سۈرىيە توقۇنىشى كۈچىيىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، ياۋروپاغا قېچىپ بېرىۋاتقان ئوتتۇرا شەرق مۇساپىرلىرى داۋاملىق كۆپىيىۋاتىدۇ، مۇساپىرلارنىڭ ياۋروپاغا كېلىشىگە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈن ھازىر ياۋروپادىكى بىر قانچە چېگرا يەنىلا ئوچۇق تۇرماقتا، دېدى.

  خەلقئارا كۆچمەنلەر تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولىشىچە، ئالدىنقى جۈمە، شەنبە ئىككى كۈندە ھەر كۈنى 9000 دەك مۇساپىر گرېتسىيە دېڭىز قىرغىقىغا كەلگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر