خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇزەپپەر مۇنەۋۋەر خەۋىرى) شىنجاڭ بويىچە تۇنجى كەنت دەرىجىلىك كۆز مېيىپلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزى ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم يېزىسىنىڭ قورغان كەنتىدە ۋېۋىسكا ئاستى، ئىماملىرىم يېزىسى بىلەن يېقىن ئەتراپتىكى يېزا- كەنتلەردىكى كۆز نۇرى مېيىپلىقىغا گىرىپتار بولغان ئۆسمۈرلەر ئائىلىسىگە يېقىنلا يەردە داۋالىنىش شارائىتىغا ئېرىشىپ، يېزىلاردىكى كۆز مېيىپلىقىغا گىرىپتار بولغان ئۆسمۈرلەرنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى تەس بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم يېزىسى قورغان كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى ئائىلىلەرنى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، كەنتتىكى قىسمەن بالىلارنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىز بولۇش، كۆزى قىيسىيىپ قېلىش، كۆز نۇرىنى يىغالماسلىق قاتارلىق ئالامەتلەرنىڭ بارلىقىنى، ھەتتا كېسەل سەۋەبىدىن مەكتەپتىن چېكىنىش ئەھۋاللىرىنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى بايقىدى ھەم يېزىلىق پارتكوم ۋە باشقا كەنتلەردە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىلىرىدىن باشقا كەنتلەردىمۇ يۇقارقىدەك ئەھۋالنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ئىگىلىدى، شۇڭا ۋىلايەت، ناھىيەدىن مۇتەخەسىسلەرنى ئۇقۇشۇپ، كەنت بويىچە بارلىق ئۆسمۈر بالىلارنىڭ كۆزىنى تەكشۈرۈشكە ئۈيۇشتۈرۈش ئارقىلىق، كەنتتىكى 25 بالىنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە كۆز كېسەللىگىگە گىرىپتار بولغانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقتى. كۆز مېيىپلىقىغا گىرىپتار بولغان بالىلارنىڭ داۋالىنىشى قولايسىز بولۇش، دەسلەپكى ۋاقتىدا داۋالاتماي كېسەلنى ئېغىرلىتىۋېتىش ئەھۋاللىرىنى ئۈزۈل-كېسىل ھەل قىلىش ئۈچۈن، خىزمەت گۇرۇپپىسى ئاپتونوم رايونلۇق مېيىپلار بىرلەشمىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كەنت سەھىيە مۇلازىمەت ئۆيىدە شىنجاڭ بويىچە تۇنجى كەنت دەرىجىلىك كۆز مېيىپلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت پونكىتى قۇردى ھەم 50 مىڭ يۇەن قىممىتىدىكى كۆز تەكشۇرۇش ئەسۋابى، كۆرۈش ئىقتىدارىنى مەشقلەندۇرۇش ئەسۋابى، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش ئاپاراتى، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئاشۇرۇش كۆز ئەينىكى قاتارلىقلارنى سەپلەپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئاپتونوم رايوندىن مۇتەخەسىس تەكلىپ قىلىپ، يېزا-كەنت دوختۇرلىرىنى كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تېخنىكىسى بويىچە تەربىيەلىدى، ۋىلايەتلىك كۆز كېسەللىكلىرىنى داۋالاش-كۆز ساغلاملىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەركىزىدىن 30 دانە كۆچمە تېلېۋىزور ھەل قىلىپ، كەنت مۇلازىمەت ئۆيى، مەھەللىلەرنىڭ پائاليەت ئۆيلىرىگە ئورنىتىپ، كۆز ئاسراشقا مۇناسىۋەتلىك پىروگراممىلارنى قاچىلاپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراش ئېڭىنى ئۆستۈردى.
مۇھەررىر:ت. ئا.ئەركمان
مەنبە: خەلق تورى