- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016 - يىللىق «ئاز سانلىق مىللەت تايانچلىرى پىلانى»ئېلان قىلىندى شىنجاڭغا 617 سان بېرىلدى
2015.10.13 09:00 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا دۆلەتنىڭ 2016 - يىللىق ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام تايانچ ئىختىساسلىقلار پىلانى ئېلان قىلىنغان. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بۇ يىلقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى بۇلتۇرقى بىلەن ئوخشاش بولۇپ، يەنىلا 617 كىشى ئىكەن (بىڭتۈەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).
ئىگىلىنىشىچە، تايانچ ئىختىساسلىقلار پىلانىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تەبىئىي پەن، سانائەت پەنلىرى ۋە قوللىنىشچان كەسىپلەرگە نۇقتىلىق مايىللىشىدىكەن، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىسبىتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئومۇمىي سانىنىڭ %50ىدىن تۆۋەن بولمايدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار %10تىن ئاشۇرۇۋەتمىگەن ئاساستا ئىشلەۋاتقان خەنزۇ خىزمەتچىلەرنى قوبۇل قىلسا بولىدىكەن. قوبۇل قىلىنغان دوكتۇر ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە، غەربىي قىسىم مىللىي رايونلىرىدىكى ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ سانى %80تىن تۆۋەن بولمايدىكەن. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان ئورۇنلار ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئەمەلىي ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش لايىھەسىنى بېكىتىپ، ۋاقتىدا جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدىكەن. تىزىمغا ئالدۇرۇش تەپسىلىي ئەھۋالىنى شىنجاڭ مائارىپ تورىدىن كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: دۆلەتنىڭ ئاز سانلىق مىللەت يۇقىرى قاتلام تايانچ ئىختىساسلىقلار پىلانى مەيدانى مۇستەھكەم، ئىدىيەسى قەتئىي، ئىلمىي فىلولوگىيە ساپاسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى يۇقىرى بولغان ئاز سانلىق مىللەت تايانچ ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، ئاز سانلىق مىللەت رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى ئىختىساسلىقلار تىرىكى ۋە ئەقلىي تىرەككە ئىگە قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر