- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى: 500مىڭ كىشى دۆلەتلىك ئىمتىھاننىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتتى
2015.10.22 15:11 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:مۇخبىرنىڭ دۆلەت مەمۇرلار ئىدارىسى ئىمتىھان ئېلىپ قوبۇل قىلىش مەھكىمىسىدىن ئىگىلىشىچە، 21-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 غىچە، جەمئىي 978 مىڭ ئادەم قېتىم تىزىمغا ئالدۇرغان. بۇ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 1.2 يۇقىرى بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە 501مىڭ ئادەم سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئۆرلىگەن.
ئىگىلىنىشچە، 20-ئۆكتەبىر 2016-يىللىق مەركەز ئورگانلىرى ۋە ئۇنىڭغا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلارغا مەمۇر قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىشنىڭ6- كۈنى، ھازىر يەنىلا 3269 خىزمەت ئورنىدىكى 6071 پىلانىنىڭ سالاھىيەت تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكەنلەر يوق ياكى سالاھىيەت تەكشۈرۈشتە لاياقەتلىك بولغانلار سانى نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن ئىكەن.(مەلىكەم تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر