باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەركىزىي مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا يەنە بەش يىل ياردەم بېرىدۇ

2015.10.22 15:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: مەركىزىي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 10 يىللىقى خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ۋە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركىزىي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 10 يىللىقى خىزمەت خۇلاسە يىغىنى ۋە ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىككى ئالىي مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى مۇراسىمغا قاتناشتى ھەمدە كېلىشىم ئىمزالىدى، بۇ ئون يىللىق ياردەم بېرىش قۇرۇلۇشىنىڭ يەنە بەش يىل داۋاملىشىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. «مەركىزىي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا ياردەم بېرىش كېلىشىمنامىسى»دە دىيىلىشىچە، كەلگۈسى بەش يىلدا، مەركىزىي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پەن قۇرۇلۇشى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، پەن تەتتىقاتى، ئىلىم - پەن ئالماشتۇرۇش، راسخوت قاتارلىق جەھەتلەردە شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىغا يۆلەك بولىدۇ ۋە ياردەم بېرىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «< شىنجاڭغا ياردەم بېرىلىدىغان پەنلەر قۇرۇلۇشى پىلانى > نى يولغا قويۇشقا دائىر ئۇقتۇرۇش » نىڭ تەلىپى بويىچە،2005-يىلى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى مەركىزىي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى (ھازىرقى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى) بىلەن « مەركىزىي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئىنستىتۇتى ياردەم بېرىش كېلىشىمى » ئىمزالاپ، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىش خىزمىتىنىڭ مۇقەددىمىسىنى باشلىدى. ئون يىلدىن بۇيان، مەركىزىي مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزىنىڭ پەن قۇرۇلۇشى ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈش، پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۈستۈنلۈكىنى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن بىرلىكتە ئىقتىساسلىقلارنى تەربىيىلەش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا ياردەم بېرىش يولىدا بوشاشماي تىرىشىپ، خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈردى. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر