باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە تۇنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈردى

2015.10.22 13:40         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىم ھاسىل قىلىنىپ ئۈچ ئايدىن كېيىن، ئىراننىڭ ئالىي رەھبىرى ھامېنېي 21-ئۆكتەبىر بۇ كېلىشىمگە تۇنجى قېتىم ئىپادە بىلدۈردى.

  ھامېنېي ئىران زۇڭتۇڭى روخانىغا يازغان خېتىدە، روخانى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمىتىدىن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئىجرا قىلىشتا ھوشيار بولۇشىنى، چۈنكى ئامېرىكىنىڭ ئىشەنچىسى ئىكەنلىكىنى تەلەپ قىلدى. ھامېنېي مۇنداق دېدى: كەلگۈسى سەككىز يىللىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش مەزگىلىدە، ھەر قانداق دۆلەت ھەر قانداق باھانە سەۋەبلەر بىلەن ئىرانغا قارىتىلغان ئىقتىسادىي جەھەتتىكى جازانى قايتىدىن يولغا قويۇشى ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمگە خىلاپ بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، ئەگەر جازا قايتىدىن يولغا قويۇلسا، ئىران قايتۇرما تەدبىر قوللىنىپ، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى توختىشى كېرەك.

  بۇندىن ئىلگىرى، ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى توغرىسىدىكى كېلىشىمنى ئىراننىڭ ئالىي بىخەتەرلىك كومىتېتى، پارلامېنت ۋە ئاساسىي قانۇننى نازارەت قىلىش كومىتېتى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، ھامېنېينىڭ پوزىتسىيەسى ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىشتىكى توسالغۇلارنىڭ قالمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر