باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئامېرىكا ژۇرنىلى باھالاپ چىققان 100 كۈچلۈك ئالىي مەكتەپ قاتارىغا كىردى

2015.10.09 13:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئامېرىكا ئاخباراتى ۋە دۇنيا خەۋەرلىرى» ژۇرنىلى يېقىندا 2015-يىللىق دۇنيا بويىچە ئەڭ ياخشى ئالىي مەكتەپلەر تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى، ئامېرىكا ۋە ئەنگلىيەدىكى ئالىي مەكتەپلەر ئالدىنقى ئونىنچىغىچە تىزىلغان، جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ 100 كۈچلۈك مەكتەپ قاتارىغا كىرگەن.

  بۇ تىزىملىك دۇنيا ۋە رايون خاراكتېرلىك تەتقىقات نەتىجىسى، ئىلمىي ماقالىسىنىڭ ئىشلىتىلىشى، دوكتورلۇق ئۇنۋانى بېرىش سانى قاتارلىق ئۆلچەملەر بويىچە دۇنيادىكى 750 ئالىي مەكتەپنى رەتكە تۇرغۇزغان. تاللىنىش ئومۇمىي سانىدىن قارىغاندا، ئامېرىكا 181 ئالىي مەكتەپ بىلەن 1-ئورۇندا تۇرغان، جۇڭگو 57 ئالىي مەكتەپ ، ئەنگلىيە 55 ئالىي مەكتەپ، گېرمانىيە 50 ئالىي مەكتەپ، ئىتالىيە 38 ئالىي مەكتەپ بىلەن 2-ئورۇندىن 5-ئورۇنغىچە تىزىلغان.

  كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا ئالدىنقى ئوننىچىغچە تىزىلغان ئالىي مەكتەپلەر خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى، ماسساچۇسېتس تېخنىلوگىيە ئىنستىتۇتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى بېركلېي شۆبە مەكتىپى، ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، كامبرىج ئۇنىۋېرسىتېتى، كالىفورنىيە تېخنىلوگىيە ئىنستىتۇتى، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتى لوس ئانژېلېس شۆبە مەكتىپى، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىكاكو ئۇنىۋېرسىتېتى ئىكەن.

  جۇڭگودىكى ئۈچ ئالىي مەكتەپ ئالدىنقى 100 كۈچلۈك مەكتەپ قاتارىغا كىرگەن، ئۇلار بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (41-ئورۇندا)، چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى (59-ئورۇندا) ۋە فۇدەن ئۇنىۋېرسىتېتى (91-ئورۇندا) ئىكەن. ئالدىنقى 200 كۈچلۈك مەكتەپ كىرگەن ئالىي مەكتەپلەردىن يەنە جېجياڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (106-ئورۇندا)، جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتى (131-ئورۇندا)، شاڭخەي قاتناش ئۇنىۋېرسىتېتى (136-ئورۇندا)، نەنجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى (180-ئورۇندا) ۋە جۇڭشەن ئۇنىۋېرسىتېتى (198-ئورۇندا) بار. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

ئالاقىدار خەۋەرلەر