باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

يېڭى نۇسخىدىكى «مەركەزنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسى» ئېلان قىلىندى، ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش تۈرلىرى %80 ئازايتىلدى

2015.10.22 15:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 21-ئۆكتەبىر يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «مەركەزنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسى»نى ئېلان قىلىپ، باھا بېكىتىش دائىرىسىنى زور دەرىجىدە كېمەيتتى، ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش تۈرلىرى ھازىرقى مۇندەرىجە بىلەن سېلىشتۇرغاندا %80 ئازايتىلغان بولۇپ، يېڭى مۇندەرىجە 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  بۇ «ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ باھا مېخانىزمى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، باھا ئىسلاھاتى ۋە ئورگانلارنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈشنىڭ نەتىجىسىنى مۇندەرىجە شەكلىدە مۇقىملاشتۇرىدۇ ۋە ھۆكۈمەتنىڭ باھا بېكىتىش ھوقۇقىنى تىزىملىكلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇندەرىجىدىن سىرت باھا بېكىتىش ھوقۇقى يوق بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئۇقۇشىچە، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «مەركەزنىڭ باھا بېكىتىش مۇندەرىجىسى»نى ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان مۇندەرىجە بىلەن سېلىشتۇرغاندا باھا بېكىتىش تۈرى 13 تۈردىن تەبىئىي گاز، سۇچىلىق قۇرۇلۇشى ئارقىلىق سۇ بىلەن تەمىنلەش، ئېلېكتىر كۈچى، مۇھىم پوچتىچىلىق كەسپى قاتارلىق يەتتە تۈرگە كېمەيتىلىپ %46 ئازايتىلغان؛ كونكرېت باھا بېكىتىش تۈرى 1000 تۈردىن 20 تۈرگە كېمەيتىلىپ %80 ئازايتىلغان. ساقلاپ قالغان 20 تۈرنىڭ ئىچىدە، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى 13 تۈرنى، ساھەگە مەسئۇل تارماقلار يەتتە تۈرنى باشقۇرىدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر