باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن سۆھبەتلەشتى

جۇڭگو-ئەنگلىيە 21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن دۇنياۋى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نى ئېچىش قارار قىلىندى

2015.10.22 15:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ شۇ جاي ۋاقتى 21-ئۆكتەبىر لوندون شەھىرىنىڭ دوۋنىڭ كوچىسى باش ۋەزىر مەھكىمىسىدە ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئىككى تەرەپ جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرگە ئىجابىي باھا بېرىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە مۇھىم خەلقئارا، رايون قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە 21-ئەسىرگە يۈزلەنگەن دۇنياۋى، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ، ئۇزاق مەزگىللىك ، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق مەنپەئەتلىنىدىغان جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ «ئالتۇن دەۋرى»نى ئېچىشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە قەدىمىي ھەم ياش، ئەنئەنىۋى ھەم زامانىۋى دۆلەت. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتى ۋە ھەر ساھەلەرنىڭ ھەمكارلىقى تېز تەرەققىي قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو-ئەنگلىيە ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئون يىلىنىڭ باشلىنىش يىلى بولۇپ، ئىككى دۆلەت ھازىر ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ناھايىتى ياخشى مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ. جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىزچىل ئېتىبار بېرىپ كەلدى، جۇڭگو ئەنگلىيە بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى بېيىتىپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگوغا نىسبەتەن ئەڭ زور دەرىجىدە ئېچىۋېتىلگەن ھەمكارلىق شېرىكى بولۇشنى خالايدىغانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، بىز ئەنگلىيە بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە سىجىل، مۇقىم داۋاملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە ھەمكارلىقىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ساھەلەردە ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشىدا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە ئۆز-ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايمىز. جۇڭگو-ئەنگلىيە ئىككى تەرەپ ئىگىلىك ھوقۇقى، مۇستەقىللىق، زېمىن پۈتۈنلۈكى، ئۆز ئالدىغا تاللىغان تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشى كېرەك. ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش ئۇسۇل ئارقىلىق مۇناسىۋەتنى بىر تەرەپ قىلىشقا تەڭ كۈچ چىقىرىشى، ئۆزئارا ئوچۇق، كەڭ قورساقلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىپ ئىناق ئۆتۈشى، لېكىن قوشۇلۇپ كەتمەسلىكى كېرەك. ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئۆز ئارا ھۆرمەتلەش، تىنچ بىللە ياشاش، كەڭ قورساقلىق بىلەن ئۆز ئارا ئۆرنەك ئېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلغاندىلا، جۇڭگو-ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنى سىجىل، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلدۇرغىلى بولىدۇ. جۇڭگو جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئەنگلىيەنىڭ شىمالىي رايونلىرىغا مەبلەغ سېلىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ، ئەنگلىيەنىڭ غەربتىكى تۇنجى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئاسىيا ئۇل ئەسلىھە سېلىنما بانكىسىنىڭ قۇرغۇچى ئەزا دۆلەت بولۇشنى ئويلىشىش قارارىنى قارشى ئالىدۇ، ئەنگلىيەنىڭ جۇڭگونىڭ ياۋروپا گۈللەندۈرۈش، تەرەققىيات بانكىسىغا قوشۇلۇشنى قوللىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر