باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىزنىڭ نۇقتىلىق ئىستېمال بۇيۇملىرى ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنىڭ خەلقئارالىق ئۆلچەم بىلەن بىردەك بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى

2015.10.23 12:03         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەتلىك ئۆلچەم كومىتېتى 22-ئۆكتەبىر تۇنجى تۈركۈمدىكى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىكى بويىچە مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتى ئۆلچىمىنى سېلىشتۇرۇش نەتىجىسىنى ئېلان قىلدى، بالىلار بۇيۇملىرى قاتارلىق 12 نۇقتىلىق ئىستېمال ساھەسىدە 770 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق قانۇن بەلگىلىمە ئۆلچىمى، 3816 تۈرلۈك تېخنىكا ئۆلچىمى بىلەن سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ بىخەتەرلىك ئۆلچىمىنىڭ خەلقئارا ئۆلچەم بىلەن بىردەكلىك دەرىجىسىنىڭ يۇقىرى ئىكەنلىكى بايقالدى، جۇڭگو ياۋروپا ئامېرىكا ياپونىيە قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر ۋە رايونلار بىلەن ئوخشاش بىر بالداقتا تۇرغان.

  سېلىشتۇرۇش خىزمىتى ئىستېمالچىلار بىلەن ئۇچرىشىشنىڭ يېقىنلىق دەرىجىسى، ئىجتىمائىي جامائەت پىكىرى ئەھۋالىغا دىققەت قىلىش دەرىجىسى، مەھسۇلاتنىڭ بىخەتەرلىك خەۋپى ۋە كەسىپنىڭ تەرەققىيات كۆلىمىگە ئاساسەن بالىلار بۇيۇملىرى، كىيىم كېچەك، توقۇمىچىلىق، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، زىبۇ زىننەت بۇيۇملىرى، ئۆي جاھازىلىرى، پوجاڭزا ساليۇت، چاتقۇچ، روزېتكا،ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ نېگىزلىك ئاممىباب ئۆلچىمى قاتارلىق 12 نۇقتىلىق ساھە تاللاندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر