باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

گوۋۇيۈەن شەخسنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش سىنىقىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويدى

2015.10.23 12:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21-ئۆكتەبىر ئېچىلغان گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىسلاھاتى سىنىقىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي گەۋدىلىك ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تەجرىبە توپلاش ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  چېگرا ئىچىدىكى لاياقەتلىك شەخسى مەبلەغ سالغۇچىنىڭ چېگرا سىرتىدا مەبلەغ سېلىش سىنىقىنى تەتقىق قىلىپ باشلاش، چېگرا سىرتىدا خەلق پۇلى بىلەن مەبلەغ سېلىشنىڭ قايتىپ كېلىش يوللىرىنى ئېچىش-كەسىپ ئەھلى تەرىپىدىن بۇ قېتىمقى گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنىدىكى سىياسەتلەرنىڭ يارقىن نۇقتىلىرىنىڭ بىرى دەپ قارالدى. مۇتەخەسسىسلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ شەخسكە بىۋاسىتە پايدىلىق بولىدۇ. نۆۋەتتە مەملىكەت ئىچىدە شەرتسىز پېرېۋوت ئالماشتۇرۇشتا بېكىتىلگەن نورما 50 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى. بۇ بەزى مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن ئاز بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مەسىلەن پەرزەنتلىرى چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇسا، ئۇرۇق تۇغقانلىرىنىڭ بىر قانچە كىملىكىنى يىغىپ 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئالماشتۇرالايدۇ. نورما چەكلىمىسىنى قويۇۋېتىش ياكى نورمىنىڭ يۇقىرى چېكىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈش شەخسى مەبلەغ سالغۇچىلارغا نىسبەتەن ئىنتايىن قولايلىق بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر