باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2015.10.22 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 21-ئۆكتەبىر گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا مۇنۇلار مۇقىملاشتۇرۇلدى: تەتقىق قىلىپ ياساش خىراجىتىنىڭ قوشۇپ ھېسابلاش، تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساش سالمىقىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، پۈتۈن مەملىكەتتە دۆلەت ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ قىسمەن تاپاۋەت بېجى بويىچە نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنى ئومۇملاشتۇرۇشنى قارار قىلىش؛ «ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى ۋاقىتلىق نىزامى (دەسلەپكى لايىھەسى)» ئارقىلىق قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن يېڭىچە شەھەر، بازارلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش؛ شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايوننىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن تەجرىبە توپلاش.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: تەتقىق قىلىپ ياساش خىراجىتىنىڭ قوشۇپ ھېسابلاش، تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، باجنى يۆنىلىشلىك، قۇرۇلمىلىق كېمەيتىش ئارقىلىق ئۈنۈملۈك مەبلەغ سېلىش، «ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش»نى ئىلگىرى سۈرۈش، كەسىپنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر. يىغىندا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچى، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ قوشۇپ ھېسابلاش، تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىدىن بەھرىلىنىدىغان تەتقىق قىلىپ ياساش پائالىيەتلىرى ۋە خىراجىتىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ. قوشۇپ ھېسابلاش، تۇتۇپ قېلىش سىياسىتى ماس كەلمەيدىغان پائالىيەت ۋە كەسىپلەردىن باشقا، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش راسخوتى قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. چەت ئەلدىن تەكلىپ قىلغان تەتقىقاتچىلارنىڭ ئەمگەك ھەققى، تەتقىق قىلغان مەھسۇلاتنىڭ تەكشۈرۈش ھەققى، مۇتەخەسسىسلەردىن مەسلىھەت سوراش ھەققى ۋە ھەمكارلىق ياكى تەتقىق قىلىشقا ھاۋالە قىلىشقا كەتكەن چىقىملارنى بەلگىلىمە بويىچە قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. ئىككىنچى، كارخانىلارنىڭ بۇنىڭدىن ئۈچ يىل بۇرۇنقى تۇتۇپ قېلىشقا تېگىشلىك بولسىمۇ، تۇتۇپ قىلىنمىغان تەتقىق قىلىپ ياساش ھەققىنى قوشۇپ ھېسابلاش، تۇتۇپ قېلىش بويىچە تۇتۇپ قالسا بولىدۇ. ئۈچىنچى، تەكشۈرۈشنى ئاددىيلاشتۇرۇپ قوشۇپ ھېسابلاش، تۇتۇپ قالغاندىن كېيىن ئەنگە ئېلىپ باشقۇرىدۇ. قوشۇپ ھېسابلاپ تۇتۇپ قېلىشقا بولىدىغان تەتقىق قىلىپ ياساش راسخوتىنى قوشۇپ ھېسابلاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر