خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:(ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابلا راخمان خەۋىرى، فوتوسى) كۈزلۈك مول- ھۇسۇلنى يىغىش پەيتىدە، توقسۇ ناھىيە ئويغۇر تىبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ توقسۇ ناھىيە پەيشەنبازار يېزا قاردۆڭ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت گۇرۇپپىسى مەزكۇر كەنتتە دېھقانلارنىڭ ئەمگەك كۈچى ئاز بۇلۇشتەك قىيىنچىلىغىنى ھەل قىلىپ، كىرىمنى كۆپەيتىش مەقسىتىدە 19-ئۆكتەبىردىن باشلاپ كەنىتتىكى 150 نەپەر ئېشىنچە ئەمگەك كۈچىنى تەشكىللەپ كوللىكتىپ پاختا تىرىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ ھازىرغىچە 5 توننا چىگىتلىك پاختا تىرىپ 8500 يۇەن كىرىم قىلدى. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق دېھقانلار «ئىشچان ئېشىنى يەر، ھورۇن بېشىنى يەر» دىگەن ماقال-تەمسىلنىڭ مەنىسىنى ھەقىقى ھىس قىلىپ قەلبى يەنە بىر قېتىم ئىللىقلىققا ئىرىشتى.
سۆرەتتە:خىزمەت گوروپىسىدىكىلەر دېھقانلار بىلەن پاختا تەرمەكتە.
مەنبە: خەلق تورى