باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ 2016-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 12-ئاينىڭ10-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ

2015.10.09 14:54         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8-ئۆكتەبىر مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭ 2016-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش ۋە سالاھىيەت تەكشۈرۈش خىزمىتى 12-ئاينىڭ10-كۈنىدىن بۇرۇن ئاخىرلىشىدىغان بۇلۇپ، جايلاردىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى يەرلىك تىزىملىتىش ۋاقتىنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلىگەندىن كېيىن، مۇددەتتىن بۇرۇن جەمئىيەتكە ئېلان قىلىدۇ.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ئىشخانىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ: تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى يىغقاندا، ئىمتىھان بەرگۈچى قولىدىكى 2-ئەۋلاد كىملىك ئارقىلىق، تىزىمغا ئالدۇرۇش سىستېمىسىدا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە مەشغۇلات قىلىشى، تۇلۇق، توغرا، ئوبيېكتىپ، ھەقىقىي بولغان تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى تولدۇرۇشى، ئۆزى تولدۇرغان توردا تىزىملىتىش ئۇچۇرنىڭ ئەينەنلىكى ۋە توغرا بولۇشىغا مەسئۇل بولۇشى ھەمدە ئىمزا قويۇپ جەزىملەشتۈرۈشى لازىم؛ ئىمزا قويۇپ مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى ھەرقانداق ئادەم ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ؛ ئىمتىھان بەرگۈچى توردا تىزىملاتقاندا ئىشلەتكەن ئابونت نامى ۋە مەخپىي نومۇرىنى چوقۇم ياخشى ساقلىشى، باشقىلارنىڭ ئوغرىلىقچە ئىشلىتىۋېلىشىدىن ساقلىنىشى كېرەك.

  ئىگىلىنىشىچە،2016-يىلى ئاپتونوم رايون داۋاملىق تۈردە ، يالغان ئوقۇش تەۋەلىكى، يالغان نوپۇس تەۋەلىكى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ ئىمتىھان بېرىشتەك قانۇن-نىزامغا خىلاپ قىلمىشلارنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ، پاكىتى ئېنىق بولغان ھامان، ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملىتىش سالاھىيىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ ھەمدە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «قۇياش نۇرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى» تور بېكىتىنىڭ سۇپىسىدا ئېلان قىلىدۇ. قارىتا پۇرسەتپەرەسلىك قىلىپ ئىمتىھان بېرىشنى تەشكىللەش ۋە قاتنىشىش، شۇنداقلا يالغان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تەۋەلىكى ئارخىپى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، ئوقۇش تەۋەلىكىنى بوش قالدۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارغا قۇلايلىق يارىتىپ بەرگەن خادىملارنى پارتىيە ئىنتىزامى، مەمۇرىي ئىنتىزام بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلىغاندىن سىرت، يەنە مەسئۇل رەھبەرلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك مەسئۇل كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈلىدۇ. قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلار ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرىلىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر