شۇ يەر ۋاقتى 21-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن لوندوندا فونتىسمىر ئوتتۇرا مەكتىپىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئەنگلىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى ۋەزىرى جىبۇ، مەكتەپ مۇدىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەمراھلىقىدا پېڭ لىيۈەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇچە ماھارەت ئويۇنىنى كۆردى، مەكتەپنىڭ نەتىجە كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، خەنزۇچە ئوچۇق دەرستە قىز ئوقۇغۇچىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى ھەمدە مەكتەپكە جۇڭگو مەدەنىيىتى ۋە خەنزۇچە ئۆگىنىش تۈرىدىكى كىتاب ۋە ئۇن سىن بۇيۇملىرىنى سوۋغا قىلدى. پىڭ لىيۈەن مۇنداق دېدى: بۈگۈن مەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئاياللار ۋە قىز بالىلارنى تەربىيەلەشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالاھىدە ئەلچىسى سۈپىتىدە بۇ يەرگە كەلدىم، قىز ساۋاقداشلارنىڭ ساغلام خۇشال-خۇرام چوڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ناھايىتى خۇشال بولدۇم. خەنزۇچە مائارىپنىڭ ئەنگلىيەدە كۈنسېرى ئېتىبارغا ئېرىشكەنلىكى جۇڭگو ئەنگلىيە دوستلۇقىنىڭ كىشى قەلبىدىن چوڭقۇر ئالغانلىقىنى شۇنداقلا جۇڭگو ئەنگلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىغا ئۈمىد ئۇرۇقى چاچقانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە ئاياللار ۋە قىزلار مائارىپىغا تۈرتكە بولۇشتا ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، بىر-بىرىنى ئەينەك قىلسا بولىدۇ.