شۇ جاي ۋاقتى تۈنۈگۈن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ لوندوندا جۇڭگو ئەنگلىيە يېڭىلىق يارىتىشچان كەسىپ كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شى جىنپىڭ ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن لەنكاستېر سارىيىغا يېتىپ كەلگەندە ئەنگلىيەنىڭ كامبىرىج كىنەزى شاھزادە ۋىليام ۋە ئۇنىڭ رەپىقىسى خانىش كاتېرىنانىڭ قىزغىن كۈتۈۋېلىشىغا مۇيەسسەر بولدى.
شى جىنپىڭ شاھزادە ۋىليام ئەر ئايالنىڭ ھەمراھلىقىدا لەنكاستېر سارىيىغا كىرىپ، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ «يېڭىلىق يارىتىش خىزمەتخانىسى» ھەمكارلىق تۈرى تەشۋىقات كۆرگەزمىسى، جۇڭگو ئەنگلىيە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش يىلى تەشۋىقات فىلىمى ھەمدە ئىككى دۆلەتنىڭ كىلاسسىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيە سەنئەتكارلىرىنىڭ ئېسىل ئويۇنلىرىدىن ھۇزۇرلاندى ھەمدە جۇڭگو ئەنگلىيە ھەمكارلىشىپ ياسىغان بۇلغىما چىقارمايدىغان ئاپتوبۇس ۋە تاكسى ماشىنىسى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
ئېكسكۇرسىيە جەريانىدا شى جىنپىڭ بىلەن شاھزادە ۋىليام بىر تەرەپتىن كۆرۈپ بىر تەرەپتىن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىككى تەرەپنىڭ پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا ئىجابىي ئىلگىرىلەشلەر بولدى. ھازىرقى باسقۇچتا، جۇڭگو يېڭىلىق يارىتىشنى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىيلىقىدىكى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويماقتا، ئەنگلىيە يېڭىلىق يارىتىش كەسپى جەھەتتە نۇرغۇن تەجرىبىلەرنى توپلىدى. جۇڭگو بىلەن ئەنگلىيەنىڭ بۇ ساھەدە ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆز ئارا ئەينەك قىلىشنى كۈچەيتىپ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.