باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

34 مىڭدىن ئارتۇق يېڭىلانغان «ئالما» يان تېلفونى مەملىكەت بويىچە 20دىن ئارتۇق شەھەرگە سېتىلغان

2015.10.22 15:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى (ئالىم راخمان تەرجىمىسى) 20-ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن، دوڭگۇەن ساقچى تەرەپ شېنجېندىن زور مىقتاردىكى نىمكەش ئالما تېلېفونىنىڭ ئاساسىي تاختىسى ۋە ئۆزىكىنى سېتىۋېلىپ، دوڭگۇەندىكى ئىجارە ئۆيدە ئىشلەپچىقىرىش لېنىيەسى قۇرۇپ، مەخسۇس تېخنىكىلىق خادىملارنى يېتەكچىلىك قىلىشقا ياللاپ، يېڭىلانغان «ئالما» تېلېفونى ياساپ، تۆۋەن باھادا مەملىكەت بويىچە ئوننەچچە ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى 20دىن ئارتۇق شەھەرگە ساتقان 3ساختا مال ياساش، سېتىش شايكىسىنى بىر يولىلا بىتچىت قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

  بۇ 3ساختا مال ياساش، سېتىش شايكىسى يەنە ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان سېتىش تورى قۇرغان بولۇپ، مال ئوبۇروت، تېز پوچتا قاتارلىق يوللار بىلەن، يېڭىلانغان تېلېفوننى تۈركۈملەپ شەندوڭ، جېجياڭ، شىنجاڭ قاتارلىق ئوننەچچە ئۆلكە، شەھەر، ئاپتونوم رايوندىكى 20دىن ئارتۇق شەھەرگە ساتقان.

  نەقمەيداننى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا، ساقچى تەرەپ 800دىن كۆپرەك يېڭىلانغان «ئالما» تېلېفونىنى قولغا چۈشۈردى.

  بۇنىڭدىن باشقا يەنە ساقچى تەرەپنىڭ تەكشۈرۈشىچە، يۇقىرىقى ئۈچ شايكا جەمئىي 34مىڭدىن كۆپرەك يېڭىلانغان «ئالما» تېلېفونىنى ساتقان، سېتىش سوممىسى 40مىليون يۈەنگە يەتكەن.

  ساقچىلارنىڭ ئىگىلىشىچە، ئۇلار يېڭىلىغان «ئالما» تېلېفونىنىڭ ھەر بىرىنىڭ سېتىلىش باھاسى ئايرىم ھالدا: «ئالما تۆت» بەش-ئالتە يۈز يۈەن، «ئالما S4» ئالتە-يەتتە يۈز يۈەن، «ئالما بەش» ئىككى مىڭ يۈەن، «ئالما ئالتە» 3500-3800يۈەنگىچە، «ئالما P6»

  3500-3800يۈەنگىچە ئىكەن.

  باھاسى ئەرزان بولغانلىقتىن، يۇقىرىقى ئۈچ شايكا يېڭىلىغان «ئالما» يانفونىنىڭ بازىرى ناھايىتى ئىتتىك بولغان، ھەتتا مەلۇم بىر پارچە ساتقۇچى 9مىليون يۈەنلىك يېڭىلىغان تېلېفون سېتىۋالغان.

  تەرجىمە مۇھەررىرى: ت. ئا.ئەركمان

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر