- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
2016 - يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش 10 - ئۆكتەبىر باشلىنىدۇ
2015.10.13 09:05 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇخبىرىمىزنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئۇقۇشىچە، 2016 - يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىغا توردا تىزىملىتىش خىزمىتى بۇ يىل 10 - ئۆكتەبىردىن 31 - ئۆكتەبىرگىچە ئىشلىنىدىكەن، توردا تىزىملىتىش ھەر كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 9:00دىن 22:00 گىچە بولىدىكەن، 26 - دېكابىر ئىمتىھان ئېلىنىدىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، توردا تىزىملىتىش ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە تولۇقلاپ تىزىملاشقا بولمايدىكەن، شۇنداقلا تىزىملاتقاندىكى ئۇچۇرلارنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىكەن. يۇقىرىقى ۋاقىتتىن باشقا يەنە 24 - سېنتەبىردىن 27 - سېنتەبىرگىچە توردا ئالدىنئالا تىزىملاش خىزمىتى ئىشلەنگەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر جۇڭگو ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورىدا ئىمتىھانغا تىزىملاتسا بولىدىكەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر