خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندا ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ھاۋا بوشلۇقىدا 61 كىشى پىلانېر بىلەن كوللېكتىپ پەسكە لەيلەپ ئۇچقان بۇلۇپ، ئۇلار ئېگىز ئاسماندا غايەت زور رومبا شەكىلىدە پەسكە لەيلەپ ئۇچقان ھەمدە شۇنىڭ بىلەن ئادەم سانى ئەڭ كۆپ پلانېر سپىنىڭ دۇنيا رېكورتىنى يېڭىلىغان. بۇ پىلانېردا ئۇچقۇچىلار ئۈچ ئايروپىلانغا بۆلۈنۈپ، 13500ئېنگىلىز چىسىغا چىققاندا پاراشۇتتىن سەكرىگەن ھەمدە 5500 ئېنگىلىز چىسى يۇقىرى ھاۋا بوشلۇقىدا رومبا شەكىلىدە پەسكە لەيلەپ ئۇچقان.پائالىيەتنىڭ تەشكىللىگۈچىسىTaya Weiss مۇنداق دېدى : «بۇ بىر قېتىملىق ئۇنتۇلغۇسىز كەچۈرمىش، بىزنىڭ بۇ كوللىكتىپىمىزغا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن لەيلەپ ئۇچۇش ھەۋەسكارلىرى توپلانغان، بۇ رىقابەتتىن كىيىن، بىز ھەممىمىز ئىنتايىن روھلاندۇق.» (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى