باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

«ئائىلە تەربىيەسى» جۇڭگودىكى ئائىلە ۋە مەكتەپلەرنىڭ زۆرۈر دەرسىلىكىگە ئايلاندى

2015.10.21 16:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى تور بېكىتىدە 20-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ ئائىلە تەربىيەسىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىرى»گە ئاساسلانغاندا، ئائىلە باشلىقلىرى ئائىلە تەربىيەسى مەسئۇلىيىتىگە قانۇن بويىچە ئەمەل قىلىپ، ئائىلە تەربىيەسى سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى، مەكتەپمۇ مەكتەپتە ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئائىلە باشلىقىلىق مەكتەپنى ياخشى باشقۇرۇشى كېرەك.

  «پىكىر ھازىرقى ئائىلە تەربىيەسىدىكى ئەمەلىي ئەھۋاللار ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەر بويىچە تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلغان». مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاساسىي مائارىپ 1-مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ھازىر، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، بەزى ئائىلە باشلىقلىرى توغرا تەربىيە قارىشىنى تۇرغۇزماي، ئىلمىي تەربىيىلەش ئۇسۇلىنى ئىگىلىمەي، پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلماي، پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتىكى ياخشى ئادەتكە ئەھمىيەت بەرمەي، مەكتەپ بىلەن بولغان ئالاقىسى ۋە ھەمكارلىقى يېتەرلىك بولماي، ئائىلە تەربىيەسىنىڭ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرالماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەمئىيەتتىكى ھەر قايسى ساھەلەرنىڭ ئائىلە تەربىيەسىگە بولغان تونۇشى يېتەرلىك ئەمەس، ئائىلە تەربىيەسى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسى يۇقىرى ئەمەد، ئائىلە تەربىيەسى بايلىقى نىسبەتەن كەمچىل، مۇناسىۋەتلىك تۈزۈلمە مىخانىزمىلىرى مۇكەممەل ئەمەس، مەكتەپ تەربىيەسى، جەمئىيەت تەربىيەسى ۋە ئائىلە تەربىيەسى تېخى بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرمىگەن، بۇ مەسىلىلەر ئادەم تەربىيىلەش جەھەتتە تەربىيە قانۇنىيىتى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش قانۇنىيىتىگە خىلاپ ئەھۋاللارنىڭ كۆرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا، مەسىلەن: تەربىيە ۋە ھىمايە كەمچىل بولۇش، تەربىيە مۇۋاپىق بولماسلىق، ئەقىل-پاراسەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، ئەدەپ-ئەخلاققا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، ئىلىمگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئىقتىدارغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك، تەن ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىپ، پىسخىكا ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بەرمەسلىك قاتارلىقلار.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر