خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 20- ئۆكتەبىر شىنجاڭ تەنتەربىيە مەركىزىدە، بۇ پەسىللىك مۇسابىقىدە قارا تۇلپار دەپ ئاتالغان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى بىلەن ئالدىنقى قېتىملىق بىرلەشمە مۇسابىقىدە بەشىنچى ئورۇنغا تىزىلغان كۈچلۈك كوماندا شىنبۇ كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى، مۇسابىقە باشلانغاندىن كېيىن، شىنجاڭ ئاياللار كوماندىسىدىكى چارىس مەيدانغا چۈشۈپ، رەقىبىنى كونتىرول قىلدى، ئەمما شىنبۇ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئىزچىل تىرىشىپ نومۇر ئالدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە شىنجاڭ كوماندىسى پەقەت 36 دە 34 نومۇر بىلەن ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتتى. شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىگە ئوخشاش يەنە 3 -بۆلەكتە كۈچەپ، بىر يولىلا 8 نومۇر پەرىقلەندى. ئاخىرىدا شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى 82 دە 72 نەتىجە بىلەن شىنبۇ ئاياللار ۋاسكېتبول كوماندىسى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىپ، ئۇدا ئىككى مەيدان غەلبە قىلدى. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى