باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى»نى 2016 - يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا تىزىملاش خىزمىتى باشلاندى

2015.10.21 16:43         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كومىتېتى ئىشخانىسىدىن ئۇقۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى»(ئوتتۇرا تېخنىكوم، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، تېخنىك ئىشچىلار مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى كۆرسىتىدۇ)نى 2016 - يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە توردا تىزىملاش خىزمىتى باشلانغان بولۇپ، 10 - دېكابىردىن بۇرۇن تىزىملاش ئاخىرلىشىدىكەن.

  ئۇقۇشىمچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئادەتتىكى ئوتتۇرا تېخنىكوم ياكى چوڭلار ئوتتۇرا تېخنىكومى، كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا، تېخنىك ئىشچىلار مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزگەنلەر ئۆزىگە يېقىن جايدىكى «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى»نى قوبۇل قىلىش پىلانى ئايرىم تۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس)لەرگە بېرىپ تىزىملىتىپ، سالاھىيىتىنى تەكشۈرتكۈزسە بولىدىكەن. ئەگەر تىزىملاتقۇچى تۇرۇۋاتقان يەردە «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى»نى قوبۇل قىلىش پىلانى ئايرىم تۈزۈلگەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ (مەخسۇس كۇرس)لەر بولمىسا، تىزىملاتقۇچى ئۆزىنىڭ نوپۇسى تەۋە ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ تىزىملاتسىمۇ بولىدىكەن.

  2016 - يىلى «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى»نى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئايرىم تۈزگەن ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئالىي كەسپىي مەكتەپ(مەخسۇس كۇرس) مەكتەپلىرىدىن شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش تېخنىكا ئىنستىتۇتى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت تېخنىكا ئىنستىتۇتى قاتارلىق 22 مەكتەپ بولۇپ، مەكتەپ تاللىغاندا «شىنجاڭنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ۋە ئىمتىھان ئىشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2016 - يىللىق 3 - سانىدا ئېلان قىلىنغان ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش مۇندەرىجىسى ئارقىلىق «ئۈچ خىل مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى»نى قوبۇل قىلىش پىلانى ئايرىم تۈزۈلگەن تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس مەكتىپىدىن بىرنى تاللىسا بولىدىكەن. مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇچۇر تورى (http://www.xjzk.gon.cn)دىن كۆرۈۋالسا بولىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر