باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

10- ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاپتونوم رايونىمىز ئىچىدىكى ئايروپىلان بېلىتى ئەڭ تۆۋەن باھاغا چۈشىدۇ

2015.10.21 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئىگىلىنىشىچە، بۈگۈندىن باشلاپ 10-ئاينىڭ 31 - كۈنىگىچە، جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئايروپىلان بېلىتى ئوموميۈزلۈك ھالدا ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن باھا چۈشۈرۈلگەن بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ، ئۈرۈمچىدىن غۇلجىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 170 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن قەشقەرگە ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 270 يۈەن، ئۈرۈمچىدىن ئاقسۇغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 180 يۈەن ۋە ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان بېلىتى ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 140 يۈەن بولغان.

  جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دىدى: ئۆكتەبىر بايراملىق ئالتۇن ھەپتە ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ئايروپىلان بېلىتىنىڭ باھاسى پۈتۈن يىلغا نىسبەتەن تۆۋەن بولغان پەيت،ساياھەتكە چىقىشنى پىلانلىغان يولۇچىلارغا باھا جەھەتتە بەك مۇۋاپىق كېلىدۇ. ئۈرۈمچىدىن سانكت پېتېربۇرگ ۋە موسكۋا بېرىشنىڭ بېلىتى 650 يۈەندىن باشلىنىدۇ، ئۈرۈمچىدىن دۇبەيگە بېرىپ - كېلىش بېلىتى 3000 يۈەندىن باشلىنىدۇ، 10 - ئاينىڭ 25 - كۈنىدىن باشلاپ، ساياھەت قىزىق لىنىيىسى بولغان ئىستانبولنىڭ ئۈرۈمچىدىن بىۋاستە ئۇچىدىغان ئايروپىلاننىڭ بېرىپ - كېلىش ساياھەت بېلىتى 2700 يۈەندىن باشلىنىدۇ. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر