باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

كەلگۈسىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاساسلىق شەھەرلىرىگە 18 سائەتتە ئۆزئارا يىتىپ بارغىلى بولىدۇ

2015.10.21 16:23         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : ئۈرۈمچىدىن كورلىغا ماڭىدىغان «جەنۇبىي شىنجاڭ يۇلتۇزى-ئاق قۇ نومۇرلۇق تىز پويىز»دا تۆنۈگۈن رەسمىي قاتناش باشلاندى. بۇ «شىمالىي شىنجاڭ يۇلتۇزى» شەھەرلەر ئارا قاتنايدىغان پويىزنىڭ يۈرۈشى، شۇنىڭدەك لەنجۇ ـ شىنجاڭ تىز سۈرئەتلىك تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغانلىقى، ئۈرۈمچىدىن قۇمۇلغا ماڭىدىغان شەھەر ئارا تىز پويىزدىن كېيىن شىنجاڭدا ئېچىلغان ئۈچىنچى قېتىملىق شەھەر ئارا تىز پويىز.

  بۇنىڭ بىلەن شىنجاڭ ئۈرۈمچىنى مەركەز قىلغان شەھەرلەر ئارا تۆمۈريول تورىدىكى غەرب، شەرق، شەرقىي جەنۇب تەرەپتىكى شەھەر ئارا تۆمۈر يولى پۈتكەن بۇلۇپ،پەقەت ئۈرۈمچىدىن شەرقىي جۇڭغارغا بارىدىغان شەھەر ئارا تۆمۈريوللا كەم .

  مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، « شىنجاڭنىڭ 13 - بەش يىللىق شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يول پىلانى» نىڭ دەسلەپكى ئورىگىنالى تاماملاندى. شىنجاڭنىڭ شەھەرلەر ئارا تۆمۈر يول تورى پىلانىدا پىلانلىنىشىچە، لەنجۇ - شىنجاڭ قوش لىنىيەسىدە ئۈرۈمچى - تۇرپان - قۇمۇل شەھەر ئارا پويىز يولغا سېلىنغاندىن كېيىن، يېڭىدىن شىخەنزە - كۇيتۇن - قاراماي شەھەر ئارا تۆمۈريولنى ياسىلىدۇ، جەنۇبىي شىنجاڭدا ھازىر بار بولغان لىنىيەدىن پايدىلىنىپ كورلا، ئاقسۇ، قەشقەر قاتارلىق جايلارغا قاتنايدىغان پويىز يولغا سېلىنىدۇ. بۇ چاغدا، تەڭرىتاغنىڭ شىمالىي ئېتىكىدىكى ئاساسلىق شەھەرلەر ئارا ئىككى سائەتلىك قاتناش چەمبىرىكى شەكىللىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدا ئاساسلىق شەھەرلەر ئارا 18 سائەتتە ئۆزئارا يىتىپ بارغىلى بولدۇ (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر