باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كاماندىروپكا ۋە ياتاق خىراجىتى ئۆلچىمى كېلەر يىلىدىن باشلاپ تەڭشىلىدۇ

2015.10.21 16:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21-ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالىيە مىنىستىرلىقى 20-ئۆكتەبىر ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، 2016-يىلى 1-يانۋاردىن باشلاپ مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كاماندىروپكا ۋە ياتاق خىراجىتى ئۆلچىمىنىڭ تەڭشىلىدىغانلىقى، بۇنىڭ ئىچىدە لاسا، شىنىڭ، خاربىن، خەيكۇ، داليەن، چىڭداۋ قاتارلىق شەھەرلەردە كاماندروپكا ۋە ياتاق خىراجىتىگە ساياھەتچىلەر ئاز ۋە كۆپ مەزگىل ئۆلچىمى سىناق يولغا قويۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان «مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ كاماندىروپكا ۋە ياتاق خىراجىتىنى تەڭشەش قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەر توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى تەڭشەشتە يېقىنقى ئىككى يىلدىن بۇيان مەملىكىتىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى مھمانخانىلارنىڭ ياتاق باھاسىدا ئۆزگۈرۈش بولۇشى، ئەمەلىي خىزمەت ئېھتىياجى، ساياھەتچىلەر ئاز ۋە كۆپ مەزگىل قاتارلىق ئامىللار ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلغان بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەت قاتارلىق 11 شەھەردىكى مىنىستىر دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ياتاق خىراجىتى ئۆلچىمى، يەتتە شەھەردىكى مەھكىمە، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ياتاق خىراجىتى ئۆلچىمى ۋە 33 شەھەردىكى باشقارما باشلىقى دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دەرىجىلىك كادىرلارنىڭ ياتاق خىراجىتى ئۆلچىمى تەكشىلىدۇ. مەسىلەن: بېيجىڭدا، مىنىستىر دەرىجىلىك، مەھكىمە، ئىدارە باشلىقى دەرىجىلىك ۋە باشقا خادىملارنىڭ تەڭشەلگەندىن كېيىنكى ياتاق خىراجىتى ئۆلچىمى 1100 يۈەن، 650 يۈەن ۋە 500 يۈەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر