دېڭىز يۈزى قارا قۇيۇنى ئىتالىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى پورت شەھەر گېنوياغا يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىزدا پەيدا بولدى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دېڭىز يۈزى قارا قۇيۇنى ئىتالىيەنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدىكى پورت شەھەر گېنوياغا يېقىن ئەتراپتىكى دېڭىزدا پەيدا بولغان بۇلۇپ، ناھايتى ھەيۋەتلىك ئىكەن.
سۈرەتتە تارتىلغان كۆرۈنۈشتىن كۆرۈۋالالايمىزكى، شۇ ۋاقىتتىكى ئاسماندا قارا بۇلۇت تۈرۈلۈپ، چاقماق چېقىپ، گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىگەن. ئىنتايىن يوغان بىر سۇ تۈۋرۈكى دېڭىزدىن تارتىپ چىقىرىلغاندەك، دېڭىز يۈزىدە قەد كۆتۈرگەن بۇلۇپ، گويا ئاسماننى ۋەيران قىلىۋېتىدىغاندەك كۈرۈنگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، سۇ يۈزى قارا قۇيۇنى بەزىدە ئىللىق سۇ يۈزىدە كۆرۈلىدىغان بۇلۇپ، سۇ پارىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئايلىنىشتىن تۈۋرۈك شەكىللىك سۇ يۈزى قارا قۇيۇنى شەكىللىنىدىكەن، خەۋپ - خەتەر دەرىجىسى ئادەتتىكى قارا قۇيۇندىن قېلىشمايدىغان بۇلۇپ، ئىچكى شامال سۈرئىتى سائىتىگە 200 كىلومېتىر ئېشىپ كېتىدىكەن. (مەرھابا تەرجىمىسى)
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى