باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ مارالبېشى مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى ئۆتكۈزۈلدى

2015.10.21 16:19         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 21- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى : 2015-يىللىق يىپەك يولى ئۆتەڭ مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمى 19- ئۆكتەبىر شىنجاڭ مارالبېشى ناھىيىسى ئىستىراھەت مەدەنىيەت مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى. مىللى ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيىتى، ئۆزگىچە يېمەك - ئىچمەك قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگە مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ئۆزگىچە مەنزىرىسىنى نامايان قىلىپ بەردى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىملىق مەدەنىيەت ساياھەت بايرىمىدا، ئېسىل تائاملار، گۈزەل مەنزىرىدىن باشقا يەنە، قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش، ساياھەت لىنىيىسىنى كۆرۈش قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلدى، مارالبېشى ناھىيىلىك ھۆكۈمەت پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى رەيھانگۈل ئوسمان مۇنداق دىدى:« بۇ قېتىمقى پائالىيەت ئارقىلىق، بىز پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ساياھەتچىلەرگە مارالبېشىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، ئېسىل نازۇنېممەتلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە، شۇ جايدىكى دېھقانلارنىڭ كىرىمىنىڭ ئېشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.» (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر