باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جاۋ لېجى پارتىيە، خەلق ئېھتىياجلىق كادىرلارنى يېتىشتۈرۈشنى تەكىتلىدى

2015.10.23 12:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى تۈنۈگۈن «كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى. جاۋ لېجى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى نىزامى»دا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كادىرلارنى تەربىيەلەش خىزمىتى ھەققىدىكى يېڭى روھى، يېڭى تەلىپى گەۋدىلەندۈرۈلگەن بولۇپ، كادىرلارنى تەربىيەلەش ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى تەجرىبە، يېڭى نەتىجىلىرى قوبۇل قىلىنغان، شۇڭا ئۇنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، كۈچلۈك تەشۋىق قىلىپ، قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشى، پارتىيىۋىلىك پىرىنسىپىدا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي لۇشيەنىگە ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىگە بويسۇنۇش ھەم ئوقۇتۇش ماتېرىياللىرىنىڭ مەزمۇنى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتىگىچە كونكرېت ئەمەلىيلەشتۈرۈش لازىم. كادىرلارنى تەربىيەلەشنى ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا باشتىن-ئاخىر ئەھمىيەت بېرىپ، ئوقۇتۇش ئەندىزىسى، تەربىيەلەش مەزمۇنى، ئۇسۇلى ۋە شەكلىنى يېڭىلاپ، تەربىيەلەشنىڭ سۈپىتى ھەم ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش كېرەك. مەكتەپنى قاتتىق باشقۇرۇش، ئوقۇتۇشنى چىڭ تۇتۇش، ئۆگىنىشنى چىڭ تۇتۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئۈچتە قاتتىق، ئۈچتە ئەمەلىي بولۇشنى كادىرلارنى تەربىيەلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياخشى ئوقۇتۇش تەرتىپى ۋە ئۆگىنىش كەيپىياتىنى ساقلاش لازىم.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر