باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مەكىت ناھىيىسىدە بىر تەخسە سورتلۇق چىلان بىرمىليون بەشيۈز مىڭ يۈەنگە سېتىلدى

2015.10.22 15:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۈرەتتە: خىزمەتچىلەر ئۈچىنچى قېتىملىق چىلان، ياڭاق شاھىنى باھالاش مۇسابىقىسىدە چىلان، ياڭاقلارنى كۆرگەزمە قىلماقتا.

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22- ئۆكتەبىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىر تەخسە سورتلۇق چىلان بىرمىليون بەشيۈز مىڭ يۈەنگە سېتىلىپ، شىنجاڭدا يېڭى رىكورت ياراتتى. 20- ئۆكتەبىر شىنجاڭ مەكىت ناھىيىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئۈچىنچى قېتىملىق چىلان، ياڭاق شاھىنى باھالاش مۇسابىقىسىدە، باھالاپ چىقىلغان چىلان، ياڭاق شاھى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە بىر تەخسە چىلان شاھى بۇلۇپ باھالانغان چىلان بىرمىليون بەشيۈز مىڭ يۈەنگە سېتىلىپ، شىنجاڭدا يېڭى رىكورت ياراتتى.

  بۇ قېتىمقى چىلان، ياڭاق شاھى باھالاشتا، چىلاندىن بوز چىلان ۋە چىلاننىڭ ئىككى خىل سورتى، ياڭاقتىن ۋىن 185 ( نېپىز پوستلۇق ياڭاق سورتى ) ، شىن شىن 2 - نومۇرلۇق (نېپىز پوستلۇق ياڭاق سورتى ) ئىككى سورتى باھالاپ چىقىلغان. باھالاشتا رەڭگى، تەمى، مېۋە شەكلى، مېۋە چوڭ - كىچىكلىكى قاتارلىقلارنى ئۆلچەم قىلغان. (مەرھابا تەرجىمىسى)

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر