باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ خۇاۋېينىڭ ئەنگلىيەدىكى شىركىتىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى

2015.10.23 12:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 21-ئۆكتەبىر خۇاۋېينىڭ ئەنگلىيەدىكى شىركىتىنى زىيارەت قىلدى.

  شۇ جاي ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 دىن 40 مىنۇت ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان ماشىنا خۇاۋېينىڭ ئەنگلىيەدىكى شىركىتىگە يېتىپ كەلدى، شىركەت خادىملىرى ئۇنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئەنگلىيەدىكى تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، خۇاۋېينىڭ نۇقتىئىنەزەردە يېڭىلىق يارىتىش ۋە تەشكىللىك يېڭىلىق يارىتىشنى پائال ئىلگىرى سۈرگەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. ئارقىدىن شى جىنپىڭ شىركەتنىڭ كۆرگەزمە زالىغا كىرىپ، مېخانىكىلىق قول ۋە تېرمىنال مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، كەشىپ قىلىپ لايىھەلىگەن ئەنگلىيەلىك ئىشچى خىزمەتچىلەر بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئالاقىدار ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى.

  شىركەتنىڭ كارىدورىدا ھاياجانغا تولغان جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك خادىملار شى جىنپىڭ بىلەن سالاملىشىپ ئەھۋال سوراشتى، شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى ھەمدە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. خۇاۋېينىڭ ئەنگلىيەدىكى شىركىتى 2001-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ باش ئورگىنى لوندونغا يېقىن جايدىكى رېيدىڭدا.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر