باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

جۇڭگونىڭ ئىستېمال ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆكتەبىردە ئۆرلىشىدىن ئىجابىي سىگنال بېرىلدى

2015.10.23 12:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  21-ئۆكتەبىر ئېلان قىلىنغان ئاۋسترالىيە يېڭى زېلاندىيە بانكىسىنىڭ روي مورگان جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچىدىن ئايان بولۇشىچە، مەزكۇر كۆرسەتكۈچ 10-ئايدا 1.2 نۇقتىدىن 139.6 نۇقتىغا ئۆرلىگەن، 9-ئايدىكى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدىن قايتا ئۆرلەشتىن قارىغاندا ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنىڭ مۇقىملىشىشىدىن ئىجابىي سىگنال بېرىلدى دېيىشكە بولىدۇ.

  ئاۋسترالىيە يېڭى زېلاندىيە بانكىسى بۈيۈك جۇڭخۇا رايونىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليۇ لىگاڭ تەھلىل قىلىپ مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: جۇڭگو ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئىستىقبالىغا بولغان ئىشەنچىسى بارغانسېرى ئەسلىگە كەلدى، 10-ئايدا ئىستېمالچىلارنىڭ ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئالدىنقى ئايدىكى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆرلەپ ئىقتىسادىي ئېشىشنىڭ مۇقىملىشىشىدىن ئىجابىي سىگنال بېرىلدى. ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمالى ۋە مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىقتىسادىي ئېشىشقا قوشىدىغان تۆھپىسىنىڭ زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئىستېمالچىلار جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىدا بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىدى. مۇلازىمەتچىلىكنىڭ ئىپادىسى داۋاملىق ياسىمىچىلىقتىن ئاشماقتا، بۇ ئېلىمىزنىڭ 4- پەسىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ ئېشىشىغا مەدەت بولىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر