باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون چاۋشيەن بىلەن كورېيەنىڭ ئايرىلغان ئائىلىلەرنى جەم قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى قارشى ئالدى

2015.10.23 13:28         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 21-ئۆكتەبىر باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن بىلەن كورېيەنىڭ 20-ئۆكتەبىردىن 26-ئۆكتەبىرگىچە كومگاڭساڭدا ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئايرىلغانلارنى جەم قىلىش پائالىيىتىنى ئۆتكۈزگەنلىكىنى قارشى ئالدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بان كېمون بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى، ھەمدە بۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىك تەدبىرلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ، ئۇنى سىياسەت ۋە بىخەتەرلىك جەھەتتىن ئويلىشىپ ئەمەلدىن قالدۇرماسلىق كېرەك دەپ ھېسابلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بان كېمون چاۋشيەن بىلەن كورىيەنى بۇ خىل ۋەزىيەتنى داۋاملىق ساقلاپ، چاۋشيەن بىلەن كورىيەنى يۇقىرى قاتلامدىكىلىرىنىڭ تېخىمۇ قويۇق بولغان سۆزلىشىشنى، ئەلئارا ئۇچرىشىشنى ھەمدە چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ ئىناقلىقى ۋە ھەمكارلىقى ئۈچۈن يول ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى.

  بان كېمون يەنە چاۋشيەن بىلەن كورېيەنىڭ چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ تىنچلىق ۋە مۇقىملىقىغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن، تېخىمۇ كۆپرەك سۆزلىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر